تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تاشيول يول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، «ناھىيەلەرگە 2-دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ): 2020-يىلى، شىنجاڭ پۈتۈن بىر يىلدا قاتناش-تىرانسپورت تۇراقلىق مۈلكىگە 54 مىليارد 393 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، شىنجاڭنىڭ تاشيول يول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 5500 كىلومېتىردىن ئېشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئاساسىدا، «ناھىيەلەرگە 2-دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

   بۇنىڭدىن باشقا، تۈگۈن مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېڭىدىن 1-دەرىجىلىك يولۇچىلار بېكىتىدىن ئۈچى، 2-دەرىجىلىك يولۇچىلار بېكىتىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، كورلا ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى پۈتتى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، جۇڭگو-شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى يۈك تىرانسپورت ئوبوروت بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، دۆلەت دەرىجىلىك بەش باغچە رايونى ۋە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىدىكى تاشيوللارنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى سەككىز پورت تاشيولىنىڭ قاتناش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل