تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇتنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى؟ قانداق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؟ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز قايسى جەھەتلەردىن كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇتنى زىيارەت قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

«بىز باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇردۇق ۋە كېڭەيتتۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.» راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلامچى قەدەمنى ياخشى ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتىكى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى نىشان قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <13 - بەش يىل>لىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى(نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق سىياسەت - ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سىستېمىلاشقان، تۈزۈملەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، بۇ يىل 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 2 مىليون 346 مىڭ 100 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 319 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق شۇ يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىردەك %88تىن يۇقىرى بولدى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 257 مىڭ 300 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ يىللىق ئۈچ ھەرىكەت يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 135 مىڭ كىشى، 226 مىڭ كىشى، 113 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، باسقۇچلۇق نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتىش، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا توغرىسىدىكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپلىك يۆتكەپ سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، ھەر تەرەپلىمە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئۆمۈرلۈك ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنى كۆپ خىل يول ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەممە ئادەمنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

«ئاپتونوم رايونىمىز بازار، ھۆكۈمەت ئورتاق كۈچ چىقىرىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى كۈچلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ» دېدى راخمانجان داۋۇت.

تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

راخمانجان داۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىش ئورنى يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى ھەم تۈرلۈك يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 5 مىليون 549 مىڭ 200 ئادەم قېتىمنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇشنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولغان كەسپىي تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن تەرتىپ بىر گەۋدىلەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۇچۇر سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى سۈپەتلىك قىلىمىز» دېدى راخمانجان داۋۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى