تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك (يىغىپ) بېقىش نىشانى %100 ئىشقا ئاشۇرۇلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىن): شىنجاڭنىڭ «قوش مەركەزلىك» ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك (يىغىپ) بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش نىشانى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. بۇنى مۇخبىر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا «<بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە «مەركەزلىك بېقىلىدىغان <بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش؛ يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەندىزىسى (قىسقارتىلىپ «قوش مەركەزلىك» دېيىلىدۇ) نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

   نۆۋەتتە، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 18 مىڭ 153 كىشى مەركەزلىك بېقىلىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %80ىنى ئىگىلىدى، «قوش مەركەزلىك» ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئارىسىدىكى «ياشانغانلار، كىچىكلەر» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل