تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شىنچاڭ): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم «كۆك-تاق»نى موللاشتۇردى، ھەم دېھقانلارنىڭ «ھەميىنى»نى تومپايتتى.

   سىياسەت كۈچىدى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى

   ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى يۇقارقى توپقان كەنتىدىكى پارنىك كۆكتات بازىسىدا، كەنت ئاھالىسى بەكرى كۆكتات ئۈزۈپ، بازارغا سېلىپ سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇلتۇر پارنىك ياسىغاندىن كېيىن، ئۇ تېرىغان چىڭسەي، شوخلا قاتارلىقلاردىن مول ھوسۇل ئالدى.

   «مەن ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن كۆكتات تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتىم، پارنىك ياسىسام يەنە 2000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى، كېلەر يىلى كۆپرەك كۆكتات تېرىماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى بەكرى، تېرىشنى بىلمەسلىك، تېرىشنى خالىماسلىقتىن، بۈگۈنكى ئاكتىپلىق بىلەن كۆكتات تېرىشقىچە، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن مەنپەئەتلەنگەنلىكىدىن بولغان.

   ئۆتكەن يىلى، يۇقىرىقى توپقان كەنتى پارنىك ئارقىلىق كىچىك ئەگمە پارنىكقا يېتەكچىلىك قىلىش تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بىر يىل ۋاقىتتا، جەمئىي 120 ئەگمە پارنىك ياساپ، 120 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

   يۇقىرىقى توپقان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەرھات تۇنىيازنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىش ئۈچۈن، بۇ كەنت «بىرگە بىر ياردەم بېرىش، بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىش» بويىچە ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى قوللانغان، ھەم «بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلغان.

   تېخنىكىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش، ئېتىز بېشىغىچە مۇلازىمەت قىلىش

   ھازىر، دەل قىش پەسلىدىكى پارنىك پەرۋىشى مەزگىلى بولۇپ، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى دېھقان غولام قاسىم كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تۈپ-تۈپ لازىلار، شوخلا مايسىلىرىنىڭ بولۇق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غولام قاسىمنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

   «ئەسلى پەقەت پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىشقىلا تايىنىپ يۇقىرى كىرىم قىلالمايتتىم، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى مېنى كۆكتات تېرىشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن كېيىن ھەمدە ئۆيگىچە كېلىپ يېتەكچىلىك قىلغاچقا، مەن بارا-بارا پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى ئوغلەم قاسىم، بۇلتۇر ھۆكۈمەت ئۇنىڭ كۆكتات تېرىشى ئۈچۈن ئۇنى ھەقسىز بىر پارنىك بىلەن تەمىنلەپ، پۇل تېپىش يولىنى كۆپەيتكەنىدى.

   «بۇلتۇر تېخنىكلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشلەپ، پارنىكنىڭ ھاۋاسىنى دەل ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، كۆكتاتلاردىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كۆكتات تېرىپ 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم» دېدى ئوغلەم قاسىم.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلىشى ئۈچۈن، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

   خاس تېرىقچىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى يېڭى «موتور»غا ئايلاندى

   باي ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆۋرۈك يېزىسى كونا مەھەللە كەنتىدىكى پاتىمە تۇنىياز خولۇڭگو ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بىر پارنىك ياساپ خولۇڭگو ئۆستۈرۈپ، قىسقىغىنە بىرنەچچە يىلدا ھەميانىنى تومپايتتى.

   «ئىزچىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا زىرائەت تېرىپ كەلگەنىدۇق، بىر يىل جاپا تارتقانغا چۇشلۇق كىرىمىمىزمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ھازىر خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاپىدىغان پۇلىمىز بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ» دېدى پاتىمە تۇنىياز.

   بۇ ناھىيە كۆپ خىل يول ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، خولۇڭگو، بانان، لىمون قاتارلىق جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى شۇ جايغا كىرگۈزۈپ ئۆستۈردى ھەمدە دېھقانلارنى مايسا يېتىشتۈرۈش، سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ ئىلمىي ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئاۋات سورتلىرىنى كىرگۈزۈشنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ