تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كۆپەيدى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇقىملاشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 9دا، تاڭ تېخى يورۇماي تۇرۇپلا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ ئابلەت بىلەن خوتۇنى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ تىجارەت باشلىدى. ئاشخانا ئېچىپ لوبەن بولۇش نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش ئىدى.

«ھازىر بىر ئايدا 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، بېيىش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.» مۇتەللىپنىڭ سۆزىدىن غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئىلگىرى مۇتەللىپنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ئائىلىسىدە يەتتە جان ئادەم، يەتتە مو يەر بار ئىدى، پۈتۈنلەي يەر تېرىشقا تايىنىپلا كىرىم قىلاتتى، كۈنلىرى غورىگىل ئۆتەتتى.

2018-يىلى 6-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مۇتەللىپ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالارنىڭ ياردىمىدە، مۇتەللىپ خوتۇنى بىلەن ئاشپەزلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىدا ئاشپەز بولدى.

«ھازىر بىزنىڭ تېخنىكىمىز بار تۇرسا، نېمە ئۈچۈن كەنتكە قايتىپ، ئۆزىمىز ئاشخانا ئاچمايمىز؟» بىر يىلدىن كۆپرەك ئاشپەزلىك قىلغان مۇتەللىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كېلىپ، خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇنىڭ ئويى خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 2020-يىلى 11-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كەنتتە ئاشخانا ئاچتى.

يار بېشى كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، كىشى بېشىغا ئاران 0.7 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرنىڭ توپا سۈپىتى ناچار، سۇ ساقلاش، ئوغۇت ساقلاشچانلىقى ئاجىز، ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسى كۆپ، ھوسۇل تۆۋەن ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلار ساناقلىقلا بولۇپ، پەقەت نەچچە مو يەرگىلا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بەكمۇ تەس ئىدى!

2018-يىلى 1-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، يار بېشى كەنتىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلدى.

«يار بېشى كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىرقەدەر ياخشى، يېزا-بازارنىڭ بازىرى كەنتكە جايلاشقان، ئادەم ئېقىمى ۋە دۇكانلار مەركەزلەشكەن، سانائەت باغچە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يېقىن، يەنە نەچچە زاۋۇت بار بولۇپ، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى مياۋ پۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن كەنتتە بىرەر ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىسى كۆپ بولمىغاچقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشقا ئايلانغانىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېگىنى ئېنىقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى تىزىملاپ تىزىملىك تۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر ئامبىرى قۇردى، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 12 قارار ئاچتى، تەربىيەلەشكە قاتناشقان كەنت ئاھالىسى 670 ئادەم قېتىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 32 ئادەم قاراماي شەھىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، 90دىن ئارتۇق ئادەم ناھىيەدىكى سانائەت باغچە رايونىدا ياكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئىشنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشلاپ، بار ئاماللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. يېزا-بازار بازىرىنىڭ يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ 20 ئېغىز «ئون كىچىك» دۇكان سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىككىنى، خىش زاۋۇتىدىن ئىككىنى قۇردى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ئالدىغا رەڭلىك خىش زاۋۇتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

كەنت ئاھالىسى خەيرىنىسا بارات ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قولايسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ كىچىك تاللا بازىرى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، ئۇ ئايدا ئاز دېگەندە 2000 يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولدى، يەنە چوڭلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئالالىدى. «مەن بۇنى ياخشى قەدىرلەپ، دۇكاننىڭ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرىمەن» دېدى خەيرىنىسا.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، تازىلىقچى، باغ-ئورمان تېخنىكا مۇلازىمەتچىسى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىي 243 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى 120دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى سىرتقا چىقىپ قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى