تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەخت كەنتىدىكى «قاپاق مەخپىيىتى»

ئىستون سۆزى:

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «تىرىشىپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقايلى» ئىستونىنى ئېچىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتنى خەۋەر قىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن   ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ يۇڭ

1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىگە جايلاشقان قاپاق مەدەنىيىتى ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قاپاق ئويمىچىلىقى، يىلتىز ئويمىچىلىقى ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى تاۋ يەنشەن ۋە ئوغلى تاۋ خەيبىن قاپاق ئەسىرى ئويۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

شەخسىي قىزىقىشتىن پۈتۈن كەنتتە قاپاق ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، قاپاق مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشتىن مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشقىچە، تاۋ يەنشەن ئاتا-بالا قاپاق تېرىقچىلىقى، ئويمىچىلىقى جەھەتتە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، كەنتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قاپاقنى بەخت كەنتىنىڭ بەخت «مەخپىيىتى»گە ئايلاندۇردى.

«كىچىك ھۈنەر» چوڭ كەسىپنى يېتىلدۈردى

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قېلىن قار يېغىپ بەخت كەنتىنى ئاپئاق لىباسقا ئورىدى، بىر قىسىم ساياھەتچىلەر بەخت كەنتىدىكى قاپاق مەدەنىيىتى ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

«قاپاق تىلىمىزدا <بەخت-سائادەت> دېگەن سۆزگە ئاھاڭداش، قەدىمدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ قاپاقتىن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ياسىشىدا بەخت-سائادەت تىلەش مەقسەت قىلىنغان، ھازىر ئۇنىڭ بىر كەسىپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال» دېدى 86 ياشلىق تاۋ يەنشەن.

تاۋ يەنشەن كىچىكىدىن تارتىپ قاپاق ئويمىچىلىقىنى ياخشى كۆرەتتى، نەچچە ئون يىل ئويمىچىلىق ھۈنىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك نەقىشلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ پىششىق بىلىپ كەتكەنىدى. «ھەر قېتىم يېڭى نەقىشنى قاپاققا ئويۇپ چىققان ۋاقتىمدا، قەلبىمدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ».

1995-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تاۋ يەنشەن كۆپ قىسىم ۋاقتىنى قاپاق ئويمىچىلىقى ئىجادىيىتىگە سەرپ قىلدى. ئەجىر يەردە قالمىدى، ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇ قاپاق ئويمىچىلىقى ئىجادىيەت ھۈنىرىنى ئىگىلىۋالدى ھەم ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى.

2017-يىلى، تاۋ يەنشەن ئاتا-بالا بەخت كەنتىگە كېلىپ، قاپاق مەدەنىيىتى ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى. قاپاق ئۆستۈرۈشتىن سىرت، ئۇلار يەنە قاپاققا نەقىش ئويۇش، رەڭلىك رەسىم سىزىش، داغماللاپ رەسىم سىزىش قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنىرى بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكى تەسىس قىلدى. ئاستا-ئاستا قاپاق باغچىسى نام چىقىرىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى بىر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«مەن يۇرتداشلارنى قاپاق ئۆستۈرۈش، قاپاققا رەسىم سىزىش، قاپاققا نەقىش ئويۇشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى قاپاق كەسپىگە تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى تاۋ خەيبىن.

«قاپاق باغچىسى» مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلاندى

«2020-يىلى بەخت كەنتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، 1200 مو يەردە قاپاق ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى قاپاق ئۆستۈرۈش، قاپاق مەدەنىيىتى بىرىنچى كەنتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى» دېدى بەخت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې ياۋچى قاپاق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

خې ياۋچى مۇنداق تونۇشتۇردى: بەخت كەنتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق، قاپاق مەدەنىيىتى بۇ جايدا خاسلىقنى شەكىللەندۈردى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت يېزا يەرلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت تۈرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنى پائال قوبۇل قىلىپ، قول ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ۋە سەھرا تۇرمۇشىنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇردى.

«قاپاق باغچىسىدا قاپاق ئويمىچىلىقى، قاپاق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ساياھەت تۈرلىرى بار، ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ.» خې ياۋچى مۇنداق دېدى: كەنت ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۆمۈرچىلىك سەنئىتى ياسىمىچىلىقى، ھۆسنخەت-رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىسىدىن ئالتىنى بەخت كەنتىگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، قاپاق باغچىسىنى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلاندۇردى.

مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆستۈرگەن قاپاقلىرىنى ساتالىدى، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈللەندى، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. خې ياۋچى مۇنداق دېدى: 2020-يىلى بەخت كەنتىدە يېڭىدىن ئالتە پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھى كۆپىيىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ساپ كىرىم 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

قاپاق كەسپى كۆپ خىل كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى

خې ياۋچى مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىنىڭ ئورنىنى پۈتۈن كەنت بويىچە «قاپاق كەنتى» بەرپا قىلىش، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ بېكىتىپ، دېھقانلارنى قاپاق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، قاپاق باغچىسى سېتىۋېلىش، قاپاق ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

2019-يىلىدىن باشلاپ، بەخت كەنتى كەنتنىڭ قىياپىتىنى كۈچەپ ياخشىلىدى. كەنت كوللېكتىپى ئۆزى 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 4.8 كىلومېتىر كوچا يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، ئاممىنى ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىگە، كوچا ۋە ھويلىلارغا 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە تەشكىللەپ، يېزا-كەنت ئايلانما لىنىيەسىنى سەيلە-ساياھەت قىلىشنىڭ قاتتىق دېتال ئاساسىي شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

2020-يىلى، بەخت كەنتى 13 كوچىنى جۇڭخۇا فۇلۇشوۋشى قاپاق مەدەنىيىتى كوچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، 250 مېتىرلىق قاپاق كارىدورى بەرپا قىلدى، ئون پۇقراۋى قونالغۇنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى خاس ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ۋە قاپاق مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، بەخت كەنتىدە مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش مەركىزىي مەيدانى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بەرپا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۈرلۈك ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«ھازىر، كەنتىمىزگە بىرقانچە ساياھەت-مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىسى ۋە خاس يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى ماكانلاشتى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، سودىمۇ ياخشىلاندى. مەن ھويلامنى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىغا ئۆزگەرتىپ، ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن تىجارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى لۇ جېڭگاڭ.

ۋۇگۇڭتەي بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە ساياھىتى تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ۋۇگۇڭتەي بازىرىمىز بەخت كەنتىنى تېرىقچىلىق، يېشىل ئۈزۈش، يېزا-كەنت پۇقراۋى قونالغۇسى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك كۈتۈنۈش، سەھرا تائاملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى