تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېز ئۈنۈم بېرىدىغان «بۇلۇت لېكسىيەسى» ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇردى ھەم ئىلھام بەردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر، مەن كەنتنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋۇ سەيشيا، ھازىر كۆپچىلىكتىن يېقىندا لېكسىيەدە سۆزلىنىدىغان باش تېما ھېكايىسىنى توپلايمەن. كۆپچىلىكنىڭ نېمىنى ئاڭلىغۇسى بولسا، نېمىنى چۈشەنگۈسى بولسا، بىز شۇنى سۆزلەيمىز...» 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەندە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئىجلىن مودۇن كەنتىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى ۋۇ سەيشيا كەنت ئاھالىلىرى توپىغا ۋىيشىن ئۇچۇرى يوللاپ، يىپ ئۇچى توپلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە جاۋاب قايتۇردى.

«باش شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك دېگەنىدى. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.» «سەيشيا، ئەتراپىمىزدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ھېكايىلىرىدىن يەنە بىر نەچچىنى كۆپرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز.» «ۋۇ ئاچا، كەنتىمىزدىكى جاۋ مىڭ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز»...

«بولىدۇ.» ۋۇ سەيشيا بىر تەرەپتىن جاۋاب قايتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئالدىغا تاللىغان «دەرس»نى خاتىرىلىۋالدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋۇ سەيشيا جىڭ ناھىيەسى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا كۆپچىلىكنى توپلانغان ئەتراپتىكى ھېكايىلەردىن ھەمبەھرىلەندۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: بەخت كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا ساقلاپ تۇرۇشقا، تايىنىۋېلىشقا، تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغان ئىكەن، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئىجلىن مودۇن كەنتىدىكى 80 - يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت جاۋ مىڭنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن...»

ناھايىتى تېزلا، «زاكاز» قىلىنغان لېكسىيەنىڭ ئۇلانمىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋىيشىن توپىدا ھەمبەھرىلىنىلدى، كۆپچىلىك كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىز سۆزلەپ توردا پاراڭلىشىشقا باشلىدى. «ئەتراپىمىزدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر بار، ئۈلگىلەردىن ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.» «چوڭ داۋلى يوق، ئاممىغا ناھايىتى يېقىن سۆزلەندى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.» «بۇ خىل لېكسىيە سۆزلەش شەكلى بەك ياخشى ئىكەن، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاڭلىغىلى بولىدىكەن».

ئامما قەيەردە بولسا، نەزەرىيە لېكسىيەسى شۇ يەردە سۆزلەندى. جىڭ ناھىيەسى تارقىتىش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، لېكسىيە ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈن - سىن قىسقا دەرسى، ئاۋازلىق ئۇلانما، لېكسىيە ئۈن - سىنى، ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىق ھەرخىل سۇپىلارنى بىرىكتۈرۈپ يوللاش ئارقىلىق، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلەيدىغان، نەزەرىيەنى جانلىق مىساللاردىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىدىغان، سىياسەتنى ئەل ئىچى سەنئەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرىدىغان ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تور ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ چوڭقۇر يەتكۈزدى.

«ئامما ئاڭلاشنى خالايدىغان، چۈشىنىشنى خالايدىغان مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، مەن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، ئاممىغا يېقىن شەكىللەرنى كۆپرەك قوللىنىپ لېكسىيە سۆزلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزىمەن، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرىمەن» دېدى ۋۇ سەيشيا.

«بىز لېكسىيە دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا تېز ئۈنۈم بېرىشنى ئاساس قىلدۇق، ئۈن - سىن قىسقا دەرسى ئادەتتە 20 مىنۇت ئىچىدە، قىسقا سىن ئون مىنۇت ئىچىدە بولىدۇ. توردا ۋە تور سىرتىدا تارقىتىش چېگراسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇسى، ئېھتىياجى، ئۈمىدىگە بىرلەشتۈرۈپ، لېكسىيە مەزمۇنىنى تەلەپ بويىچە <زاكاز قىلىپ>، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى <ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزىمىز>» دېدى جىڭ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يې خۇڭمېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى