تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرلەشمە گەۋدىسى كېڭەيتكەن يېڭى سورت 10 مىليون مودىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز ۋە خاس زىرائەت سورتىدىن 68نى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون 850 مىڭ مودىن ئاشقان، كېڭەيتىلگەن يېڭى سورت كۆلىمى 10 مىليون 878 مىڭ 800 موغا يەتكەن.

بازارنىڭ ئۇرۇقچىلىق بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاۋارلاشقان ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، كۆممىقوناق، كېۋەز، بۇغداي ھەمدە خاس زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، بازارنى يېتەكچى، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن تاۋارلاشقان ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ سۇپىلىق رولى ئارقىلىق، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ زىچ بىرلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، بايلىق مەركەزلەشكەن، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. بىرلەشمە گەۋدىگە ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، بىرلەشمە گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئەزا ئورۇنلار ئۆز رايونىدىكى سورتلارنىڭ سۈپىتى، بازاردا سېتىلىشى قاتارلىق ئۇرۇقچىلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ رەتلەشكە مەسئۇل بولۇپ، بىرلەشمە گەۋدىنىڭ ئورتاق تەتقىق قىلىشى، تەھلىل قىلىشىغا يوللاپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ياخشى سۈپەتلىك ئۇرۇقچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ياخشى ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بىرلەشمە گەۋدە ئىچىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار 831 مىليون يۈەن پايدا ئېلىپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ پايدىسىنى 298 مىليون يۈەن كۆپەيتكەن؛ يېڭى سورت ۋە يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، كەسىپكار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 1 مىليارد 547 مىليون يۈەن ئاشۇرغان. بازاردا كەڭ قارشى ئېلىشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى يېڭى سورتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىغا كىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى