تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 108- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 108 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، 2021 - يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان» نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمى ۋە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 2021 - يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇنى يەرلىك نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نىزام چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يىغىنغا تەييارلىق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھازىرقى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىپ، ئالدىن پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئويلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مۇكەممەل خىزمەت تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، پۇختا ئىستىل بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قەشقەر داشۆسىدە تەربىيەلىنىۋاتقان، ئۆگىنىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لاچىن بايئەكە، مۇساجان نۇردۇن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى جان پىدالىق بىلەن قۇتقۇزۇپ، لاچىن بايئەكە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككى ۋەكىل نامايان قىلغان ئالىيجاناب روھنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى