تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتكە «يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرى» كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

ئىستون سۆزى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «لېكسىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، نەزەرىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىقات - مۇھاكىمە پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يارقىن تەدبىرلىرى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىنىپ، يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر دەقىقىمۇ ئايرىلمايمىز...» 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش شۆبە ئەترىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى خامانئېرىق كەنتىگە بېرىپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشا بىلەن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

«بۈگۈنكى نومۇرلار بەك ئېسىلكەن، بولۇپمۇ راۋاب تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلغان <پارتىيەگە ھەشقاللا> دېگەن ناخشا قەلب سادايىمىزنى ئىپادىلىدى». ئويۇن كۆرۈۋاتقان كەنت ئاھالىسى مەخپىرەت قاسىم چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا بىز ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق، تۇرۇبا سۈيى ئىچەلىدۇق، ئاسفالت يولدا ماڭالىدۇق. بىز بۈگۈنكى گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئاممىغا يېقىن لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكى، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، ھەرقايسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى، خەلق سەنئەتكارلىرى بىرلىكتە خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش شۆبە ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، يىغىن روھىنى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئېتۇت، ئۇسسۇل، ناخشا قاتارلىقلارغا سىڭدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەردە ئويۇن قويۇپ، باھار يامغۇرىدەك زېمىنغا ئۈن - تىنسىز ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.

شۇ كۈنى، خامانئېرىق كەنتىگە ئوخشاش قاراساي بازىرىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ باشتىن - ئاخىر ماسكا تاقاپ، ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپ «يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرى» ئېلىپ كەلگەن ئويۇننى كۆردى. ئېتۇت «بىللە ئۆگىنەيلى»، ئىككى كىشىلىك لەپەر «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى»، ئۇسسۇل «خوتەن سىزنى قارشى ئالىدۇ» قاتارلىق نومۇرلار تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاندى، بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەم پارتىيەنىڭ ساداسى ئاساسىي قاتلامدا تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقالدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابدۇللا روزى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك لېكسىيەدە، خوتەن ۋىلايىتى «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» يەنى «يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى + لېكسىيە + يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى» شەكلى ئارقىلىق، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت «تۆت دەرىجە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش» ئەندىزىسىنى قوللاندى، يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى دېھقان - چارۋىچىلارنى ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىش جەريانىدا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، «يېڭى قاشتېشى ئارتىسلىرى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش شۆبە ئەترىتى خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى 50 كەنتكە بېرىپ ئويۇن قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى