تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەش تارماق: شەھەر-بازارلارنى سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماقنىڭ شەھەر-بازارلارنى سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقىتىپ، سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئوخشىمىغان نامدىكى ھەرخىل بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

   پىكىردە، شەھەر-بازارلارنى سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەردە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن سىرت، قۇرۇلۇش تۈرىدىكى قۇرۇلۇش رايونىدا قىزىل سىزىقنىڭ سىرتىدا كۆرۈلگەن ھەرقانداق خىراجەتنى ئىشلەتكۈچى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق قۇرۇلۇش رايونلىرىدىكى قىزىل سىزىق ئىچىدىكى سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش، قۇراشتۇرۇش خىراجىتى ئۆي ئېچىش قۇرۇلۇشى تەننەرخىگە كىرگۈزۈلدى، باشقىدىن سېتىۋالغۇچىلاردىن ئېلىشقا بولمايدۇ.

   پىكىردە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشىچە، تەننەرخنى نازارەت قىلىپ قاراپ چىقىش ئاساسىدا، سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەم ھەرىكەتچان تەڭشەش كېرەك. باھادا ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ساقلاپ قېلىشقا ھەقىقىي تېگىشلىك ئاز ساندىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە تىزىملىك تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان تۈرلەردە، تەننەرخنى نازارەت قىلىپ قاراپ چىقىش ۋە باھا بېكىتىش چارىسىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بازار ئارقىلىق تەڭشەلگەن باھا ياكى ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۇ، توك، گاز، پار باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، بۇ، سۇ، توك، گاز، پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى