تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

− ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما يىڭنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇتلەق نامراتلىققا قارشى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قوزغىدى. «13 - بەش يىل»غا قايتا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قايسى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ كەلگۈسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك؟ يېقىندا پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما يىڭنى زىيارەت قىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلاندى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، 2020 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيە نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

«<ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش> بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى» دېدى ما يىڭ.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 35 نامرات ناھىيە (دۆلەت دەرىجىلىك 32 نامرات ناھىيە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈچ نامرات ناھىيە)دىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 5400 يۈەندىن 12 مىڭ 35 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12.3 ئاشتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2015 - يىلىدىكى 2725 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 9195 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %35.53 بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ساپ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.97كە يەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.78كە يەتتى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يەتتى، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ما يىڭ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىلەن تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتكۈزۈلدى، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا <ئاۋۋال داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش> <بىر كۆزنەك شەكلى>دە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 117 مىڭ 800 ئاغرىق داۋالاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 1000دىن ئارتۇق يېزا - كەنت دوختۇرى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىلدى، يېزا - كەنت شىپاخانا(ئۆيى)لىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، ئائىلىدە كىچىك دورا ساندۇقى بولۇش، كەنتتە داۋالاش ئۆيى بولۇش، يېزىدا شىپاخانا بولۇش، ۋىلايەت، ناھىيەدە 2A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا، شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

ما يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن 169 مىڭ 200 نامرات ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلدى؛ جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، نامرات نوپۇس كۆل سۈيى، شورلۇق سۇ ئىچىش تارىخى بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلىشىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. 3666 نامرات كەنتكە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، توك يەتكۈزۈلۈپ، رادىيو - تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈلۈپ، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە 207 يېزا بەخت قورۇسى قۇرۇلۇپ، يېتىم - يېسىرلار، ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىندى.

«يەتتە بىر تۈركۈم» ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاتتى

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئەھمىيىتى دەل جايىدا بولۇشتا. ھەرقايسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش «جەڭ مەيدانلىرى» شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، راست نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، چېگرا قوغدىغۇچىسىغا ئۆزگەرتىش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، يېزا - كەنت ساياھىتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 2109نى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى» دېدى ما يىڭ.

بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. ما يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 51 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ھەربىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000دىن جەمئىي 22 مىڭ يېزا - كەنت يول ئاسراش ئىشچىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئاھالىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئاھالىلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى <يۆلەنچۈك> <تۈۋرۈك>. ئاپتونوم رايون دىققەتنى ئۈنۈمنى كۆزلەشكە قويۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ يۆلەش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، قابىل كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ياخشى كادىرلارنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتىپ، بارلىق كۈچنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» ما يىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر يىلى 78 مىڭدىن ئارتۇق كادىر تاللاپ ئەۋەتىلىپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3666 نامرات كەنتكە 1 - شۇجى ئەۋەتىش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلدى

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر.

ما يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىگە ئاساسەن، «14 - بەش يىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، دىققەتنى قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن نامرات ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنت ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەم ئىچكى تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى تەكشى، مۇقىم ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئىدىيەۋى تونۇش، نىشان - ۋەزىپە، خىزمەت تەدبىرى، سىياسەت مەدىتى، خىزمەت مېخانىزمى جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»غا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىش پەسللىك ھۇجۇم» ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ما يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا قانات يايدۇرۇلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»دا، تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەش، تۈر - مۈلۈك، مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىش، مەسىلىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەش جەھەتتە، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەنتكە قايتىپ قايتا زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كېڭەيتىش، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تۈر - مۈلۈك جەھەتتە، ناھىيە دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش تۈر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، 2021 - يىللىق تۈر پىلانىنى بېكىتىش، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىش جەھەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى داۋاملىق ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئاھالىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئاھالىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلىش - كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، ۋاقتىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ مەسىلىنى تۈزىتىش جەھەتتە، «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نى چۈشۈپ قالغاننى تەكشۈرۈش - كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنى «قايتا قاراپ چىقىش»، تەكشۈرۈش پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى دەرھال تۈزىتىشنى تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە <قىش پەسىللىك ھۇجۇم>نى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئالاھىدە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەۋزەللىك ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك» دېدى ما يىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى