تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتەيلى

− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ھەم ئوبراز يارىتىش، ھەم روھنى تاۋلاش كېرەك. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.

يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق قەلبلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان خىزمەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ماددىنىڭ روھقا، روھنىڭ ماددىغا ئۆزگىرىشى دىيالېكتىكىلىق نۇقتىئىنەزەر» دەپ كۆرسەتتى، «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى بىللە تۇتۇش، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ گۈزەللىشىشى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ گۈزەللىشىشى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ گۈزەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، مول ئەخلاق ئوزۇقى، ياخشى مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر.» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى كەسىپلەر گۈللەنگەن بولۇش، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇش، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇشى باياشات بولۇشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردە يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىممەت يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ روشەن يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ياخشىلاش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات-ئىلگىرىلەش يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن-فاڭجېنلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دېھقانلار ئاممىسى ياقتۇرىدىغان ئۈنۈملۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېزىلارغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا قولايلىق بولغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردا ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي كەنت-بازار ۋە مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا تۈرلۈك ناچار كەيپىيات ۋە كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئىللەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنت مەدەنىيلىكىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلاردا ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەسىلىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماددىي بايلىق ئىنتايىن مول بولۇشى، مەنىۋى بايلىقمۇ ئىنتايىن مول بولۇشى كېرەك. «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىكىلىق، ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ بولغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جەمئىيەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلساقلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى