تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى ئارقىلىق كەنت قىياپىتى يېڭىلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈي بازىرى خېشى كەنتى تىنچ ھەم گۈزەل بولۇپ، يوللاردا دۆۋىلىنىپ قالغان قارلار تازىلىنىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدى پاك-پاكىز بولۇپ كەتكەنىدى. «سەپەرۋەر قىلىش ھاجەتسىز، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئاتلىنىپ <ئىشىكى ئالدىدىكى قارلارنى تازىلايدۇ>» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن خېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋاڭ خۇيدۇڭ.

«كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.» بۇ كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خەيگاڭ مۇنداق دېدى: «كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىدە مەدەنىي يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇش، ئاممىۋى تازىلىقنى ياخشى قىلىش، كەنت قىياپىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ھازىر، بۇ مەزمۇنلار كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى».

2018 - يىلى، خېشى كەنتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇنچىللىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ باھالاندى. بەرپا قىلىش جەريانىدا، «ھەربىر كەنت ئاھالىسى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش» كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى. «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ قانۇن ئېڭى كۈچەيدى، زىددىيەت-ماجىرالار قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.» خېشى كەنتى 1-كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي رۇڭمېي مۇخبىرغا مۇنداق ئېيتتى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى قايتۇرماقچى بولدى، لېكىن ئۆي ئىجارە توختامىنىڭ مۇددىتى تېخى توشمىغانىدى، بۇ كەنت ئاھالىسى ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىغا كېلىپ مەسلىھەت سوراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالاش-تارتىشنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

دەي رۇڭمېينىڭ قارىشىچە، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: توي مۇراسىمىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىلگىرى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نەچچە كۈن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتۇق، چېدىر تىكىپ چوڭ قازان ئاساتتۇق، ھاراققا زورلاش، مەجبۇرىي ھاراق ئىچكۈزۈش، ھۇجرا ئۆيدە قىزىقچىلىق قىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى، بەزىدە سەل ئېشىپ كېتىپ مەدەنىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلەتتى. «ھازىر توي-تۆكۈنلەر يېڭىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەشەمەتچىلىك قىلمايدىغان، ياشلار ياقتۇرىدىغان شەكىلدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولدى».

ياڭ خەيگاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى قوشاق شەكلىدە بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە قولايسىز ئىدى. 2016-يىلى نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىپ، ئاسان ئۆگەنگىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

يېڭى كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنىڭ قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. خېشى كەنتىدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 500گە يېقىن كىشى بار بولۇپ، كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىدە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنغان. مۇخبىر كەنت ئاھالىسى ئادىلجان ھۈسەننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، تام مەشكە ئوت يېقىلغان بولۇپ، ئۆي ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن چاي ئىچكەچ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈۋاتاتتى. «مەن كالا-قوي بوردايمەن، 200دىن ئارتۇق قوينى ياشلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىم، ھەر كۈنى بېرىپ كۆرۈپ باقساملا بولىدۇ.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: كەنت كەيپىياتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ياشلار ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشنى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ، ئاخىرقى ئۆمۈرنى بۇنداق ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەنمۇ بەختلىك!

كەنت قائىدىسى-ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىدە يەنە يىل ئاخىرىدا بەشتە ياخشى ئائىلە، ياخشى كېلىن، ياخشى قېيىنئانا، ياخشى ئەر ۋە مەدەنىي ئائىلە قاتارلىقلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاش بەلگىلەنگەن بولۇپ، مېخانىزم ئارقىلىق ياخشى ئائىلە ئىستىلى تەشەببۇس قىلىنغان، رىغبەتلەندۈرۈلگەن. كەنت ئاھالىسى فېڭ شىنجۈ ياخشى كېلىنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، توي قىلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئۇ قېيىنئانىسىنى ھۆرمەتلەپ، ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ، ئېرى بىلەن بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ، كۆيۈنۈشۈپ، كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن تەرىپلەندى. «ئىلگىرى يېزىلاردا <ئەرلەر ئۈستۈن> دەيدىغان كەيپىيات بار ئىدى، ئەرلەر قولىنى كەينىگە قىلىپ ئالدىدا ماڭاتتى، خوتۇنى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن ماڭاتتى. ھازىر بۇ خىل ھالەت ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىدى، ئايالىغا كۆيۈنىدىغان، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغان ئەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى فېڭ شىنجۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى