تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇق بويىدىكى كىچىك كەنتتە ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

ئانار بولۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«كەنتىمىزنىڭ قۇملۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس، بۇ ئىلگىرىكى تەرەققىيات ناچار ھالىتىنىڭ ھازىر جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئايلانغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.» 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇتتار قۇملۇق مەنزىرە رايونىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جىڭ ناھىيەسىنىڭ تودوگ بازىرى كۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇا مۇخبىرغا مۇنداق ئېيتتى: كەنت يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، كۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى يەنىلا ھەممىلا يەر كېسەك ئۆي بىلەن تولغان، قوي-كالىلار تاغدا يايلاپ يۈرىدىغان چەت-يىراق چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى ناھايىتى قالاق ئىدى. ئامما كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئويلايتتى، ئەمما چىقىش يولى يوقلۇقىدىن بېشى قاتاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇتتار قۇملۇق مەدەنىيەت-ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. قۇملۇقتا سەيلە قىلىپ قايتقاندا، كۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى نۇرغۇن ساياھەتچى چوقۇم ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى. كەنت ئاھالىلىرى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرىكى ئېگىز تاغدىكى يايلاقتا چارۋا بېقىش، كىرىمى مۇقىم بولمىغان تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، «ئېكولوگىيە ساياھىتى تامىقى»نى يېدى. دېھقانلار قورۇسى ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇغا ئايلاندى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى كۈندىن-كۈنگە تومپايدى. ھازىرغىچە، كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇدىن 28ى، دېھقانلار (چارۋىچىلار) ئارامگاھىدىن بەشى بار بولۇپ، يىلىغا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، كەنت ئاھالىسى رىسىققان جۇنىس ئىشىكى ئالدىدا چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، كىرىمىنى يىلدىن-يىلغا ئاشۇردى. 2018-يىلى، رىسىققان تودوگ بازىرىدىن 106 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. رىسىققان مۇنداق دېدى: «ھازىر قۇملۇق بېيىشىمىزدىكى <ئالتۇن قۇم، كۈمۈش قۇم>غا ئايلاندى».

كەنتتىكى گۈلدەن كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەربىيەلەش ئارقىلىق 15 چارۋىچىنى كوپىراتىپ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى. «بىز كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلىگەن قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. 2021-يىلى، بىز كۆلەمنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى گېمىڭگۈل رامازەن.

«پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يەنە يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىزنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى ياخشى قىلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى ۋاڭ يۇڭخۇا.

كەلگۈسىگە نىسبەتەن، رىسىققاننىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى: «مەن ياخشى بىر ئورۇننى تاللاپ، يەنە بىر چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى