تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەنە 27 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، سۈپەتلىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزى 2020-يىللىق 3-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، سۈپەتلىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مەملىكەت بويىچە 387 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن 27 خىلى بار.

   بۇ 27 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى چىڭخۇ چەيزىسى، چىڭخۇ سىگۇاسى، ليۇشىخۇ سەۋزىسى، سانجى بۇغداي ئۇنى، قۇتۇبى قېتىقى، قۇتۇبى سۈتى، ماناس سافۇكې قويى، جىمىسار زاراڭزا يېغى، جىڭ ئالقىتى، ئاتۇش مۇناقى ئۈزۈمى، ئاقچى جىغان مېۋىسى، يەكەن بادىمى، قاغىلىق ياڭىقى، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيسى، گۇما ناھىيەسى ئانارى، گۇما ناھىيەسى شەنياۋسى، گۇما ناھىيەسى شياڭگۇسى، گۇما ئېشەك گۆشى، لوپ لۇسۈنسى، چىرا قوي گۆشى، چاغانتوقاي تىكەنسىز زاراڭزا يېغى، چاغانتوقاي باشباي قوي گۆشى، قوبۇقسار پاختىسى، چىڭگىل چوڭ جىغىنى، چىڭگىل جىغان مېيى، چىڭگىل جىغان چېيى قاتارلىقلار.

لوپ لۇسۈنسى (لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

   مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، سۈپەتلىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان، بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە تاۋار مىقدارىنى ھازىرلىغان، كۆرۈنەرلىك رايون ئالاھىدىلىكى ۋە خاس ئوزۇقلۇق سۈپىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، مۇقىم تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىستېمال بازىرىغا ئىگە، ئاممىنىڭ بىلىش دەرىجىسى ۋە ماختاش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەمدە يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىك مەركىزىگە كىرىپ ئېلان قىلغان ۋە تەكشۈرۈپ گۇۋاھنامە تارقاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالمىسىغا «مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، سۈپەتلىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» دېگەن خەتنى يېزىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسىنى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

   بۇ قېتىم تاللانغانلارنىڭ زور بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بەزىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىرگۈزۈلگەن يېڭى سورتلار، شۇنداقلا شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ياخشى.


گۇما شەنياۋسى (گۇما نۆل ئارىلىق)
   بۇ قېتىم گۇما ناھىيەسىدە شەنياۋ، ئانار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تاللانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تاللانغان تۈرى ئەڭ كۆپ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناھىيە ئەتراپىدىكى يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۇما ناھىيەسىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپلا بەزىلەر تۆمۈر كالتەك شەنياۋنى سىناق قىلىپ تېرىغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شەنياۋ بۇ ناھىيەنىڭ ئەۋزەل خاس كەسپى بولۇپ قالدى. گۇما ناھىيەسى تۇپرىقىنىڭ سۈپىتى يېنىك، قۇمساڭغۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، تېرىلغان شەنياۋ غولى چوڭ، ئىچكى سۈپىتى ئىنچىكە ھەم يېپىشقاق بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى