تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا تامىقى يېيىشكە يېتەكلەيمەن

بايان قىلغۇچى: شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆمەر ئەلى

ئىككى يىل ئىلگىرى، مەن ئائىلىمىزنىڭ 15 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، شايار ناھىيەلىك دېمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىغا قاتناشتىم. بۇ يەردە، مۇئەللىمدىن تىراكتور ھەيدەشنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگەندىم. بۇلتۇر، مەن زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. بۇ، كوپىراتىپىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مېنىڭ داۋاملىق كوپىراتىپتا ئىشلىگۈم ھەم پاختا يىغىش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگەنگۈم بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كەنتتە شاگىرت تەربىيەلەپ، كۆپچىلىكنى ماڭا ئوخشاش تېخنىكىغا تايىنىپ پۇل تېپىپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

(ئانار بۇلۇتى\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئايشەمگۈل ئابلا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل