تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن⑤

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.» 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك! دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەتەن زېمىنى داۋالغۇپ تۇرغان كىرىزىسلاردىن قۇتۇلۇپ، ئىس - تۈتەك قاپلىغان ئۇرۇشلاردا تاۋلىنىپ، قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرۇلۇش داۋامىدا قەد كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا زورايدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى كۈتۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «شاڭخەيدىكى شىكۇمېندىن جياشىڭدىكى نەنخۇغىچە، بىر كىچىك قىزىل كېمە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەھشەتلىك دولقۇنلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى».

100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلار، ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بەرگەن بارلىق قۇربانلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بولدى. دەل مۇشۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلىغاچقا، پارتىيەمىز ئاندىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيالىدى، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالغا يولۇققاندىمۇ قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلىدى، ھالىدىن كېتىپ ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا قالغاندىمۇ كەسكىنلىك بىلەن غەيرەتكە كېلەلىدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2020 - يىلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى ئىزاھلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي داستانىنى پۈتتۇق؛ بىز ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، يېڭىش ئەڭ تەس بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يەڭدۇق، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، خەلقنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم خەلققە تايىنىپ بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى شانلىق سەھىپىنى يارىتالايمىز.

ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت. «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى، قەدىمىمىز مۇستەھكەم بولدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقىچە بولغان جەريان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، بىزنىڭ كۈرەش قىلىش كوردىناتىمىز. سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان 100 يىللىق جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسىنى ئېسىمىزدە جەزمەن چوڭقۇر، چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان چىدامچانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولىدىغان، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىدىغان سەگەك كاللىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش چىدامچانلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشتىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ»، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، خاتىرجەملىكىنىڭ تۈپ ئاساسى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسىيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى داۋاملىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت شانلىق نىشانغا قاراپ داۋاملىق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئاتلىنىدۇ!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ