تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتايلى

− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى، بۇنىڭدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان بولۇشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىجادىيلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتتى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتۇق. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كېيىنكى قەدەمدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» ھازىر، بىزنىڭ بۇرچىمىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش فاڭجېنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باش تەلىپى كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش، تۈزۈم كاپالىتى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈم رامكىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىشىدىن يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت نىشان-ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىشىغىچە، يەنە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشىغىچە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ۋاقتى كەلدى. شۇنى ئىنتايىن سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، ئۇنى جەزمەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش قاتارلىقلارنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىشنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە تەۋەلىرىنى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېزا ئۈمىدكە تولغان دالا. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، بىز يېزا ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدۇق. 40 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە، دېھقانلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى