تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن 

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىر يىلدىن بۇيانقى بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» رەئىس شى جىنپىڭ 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغان قالتىس مۇساپىنى ئەسلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق دەپ كۆرسەتتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تۇمانىنى بالدۇرراق تارقىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل يەر شارى يۇرت-ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو ئىشەنچى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچى يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

2020-يىلى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. ئىنسانلار بىر مەيدان كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسنى ئورتاق باشتىن كەچۈردى، بەزىدە قارا بۇلۇت ئاسماننى قاپلاپ، قاتتىق بوران-چاپقۇن بولدى، يەنە بەزىدە بۇلۇتلار تاراپ قۇياش پارلاپ، گۈزەل ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈندى. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان جاپا - مۇشەققەتلىك پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى بىزگە سەمىمىي ياردەم ھەم مەدەت بەردى، «ۋۇخەن غەيرەت قىل» «جۇڭگو غەيرەت قىل» دېگەندەك سادالار تەرەپ-تەرەپتىن ياڭرىدى؛ بىز ئۆزىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلاپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشتۇق. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «مەن خەلقئارادىكى كونا-يېڭى دوستلار بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلاشتىم، كۆپ مەيدان <بۇلۇت يىغىنى>غا قاتناشتىم، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بولدى». يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسى ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ بىر-بىرىگە زىچ باغلانغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىچ باغلانغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىز خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ھازىر، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپلىك بىلەن يەككە تەرەپلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنمىچىلىك، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ئېغىر، زور سىنىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز»، بۇ، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئايلاندى. بىر قاتار خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلەشمەكتە. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى، شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشتىن 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكىچە، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالاشتىن جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى قەرەلىدە تاماملاشقىچە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك تەتۈر ئېقىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك «جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىش، ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىش چوڭ ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى. مەيلى قانداق خەۋپ-خەتەر، قانداق ئاپەت، قانداق تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھامان ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

يېقىندا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى پىلانلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى-خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز. بىز بەرپا قىلغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە بولغان دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى-خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتۇر. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى-خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈم ئېففېكتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئورتاق قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

«چۆكۈپ كەتسىمۇ بىر كېمە، كېتىۋېرەر باشقىسى، قۇرۇپ قالسىمۇ بىر دەرەخ، كۆكلەۋېرەر باشقىسى.» ئىنسانلار ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ھەممىمىز بىر پاراخوتتا. بوران كۈچىيىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلگەن پەيتتە، بىز يۆنىلىشنى تېخىمۇ توغرىلاپ، رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشساقلا، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى دۇنيا جەزمەن سۇمۇرغقا ئوخشاش ئوتتا تاۋلىنىپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ