تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولايلى

− چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە.

2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلىدى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل رىشتە باغلاپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى رايونلارغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخ ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىدىن چىقىش قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈردى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى. سەككىز چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 2020 - يىلى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئېقىن رايونىدا ناچار 5 - دەرىجىلىك سۇ سۈپىتىنى تۈگىتىش كەسمە يۈزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دەل جايىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، بېلىقچىلار كېمىسى، بېلىقچىلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش»نى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشقىچە؛ يەنە «ئېغىر خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش» قىيىن مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، چاڭجياڭ يېشىل ئېكولوگىيە كارىدورىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشقىچە، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

چوڭ ئىستراتېگىيە زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى يېڭى يۈكسەكلىكنى نىشانلىماقتا. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىغا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، تاغ، سۇ، ئادەم، شەھەر ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا سىڭىشىشنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان غول تومۇرغا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىشتەك يېڭى تارىخىي بۇرچنى يۈكلىدى. بۇرچنى ئادا قىلىش، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، سۈزۈك دەريا سۈيىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، ئىستىقبالى پارلاق. قانداق قىلغاندا ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىدىكى «بىر تاختا شاھمات»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنىڭ ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ياراتقىلى بولىدۇ؟ بۇ تېمىلارغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولدا مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئېكولوگىيەلىك چاڭجياڭنى ئورتاق قوغداپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلانغان ئىقتىسادىي چاڭجياڭ بەرپا قىلىپ، ئاساسى چوڭقۇر مەدەنىيەتلىك چاڭجياڭ بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چاڭجياڭ قۇرۇپ، «خەلق چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغدايدىغان، چاڭجياڭ دەرياسى خەلققە بەخت يارىتىدىغان» ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم «زۇمرەتتەك دەريا سۈيى شەرققە ئېقىش»تەك غەلىبە مەنزىرىسىنى بالدۇرراق قايتا نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ