تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تاغلىق بالىلار» شەھەر مائارىپىدىن بەھرىلەندى

سانجى شەھىرىدىكى شەھەر - يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرى مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى

«تاغلىق بالىلار» شەھەر مائارىپىدىن بەھرىلەندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي

ئوقۇتۇش بىناسى رەتلىك، پاكىز، زامانىۋى بولۇپ، كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، پۇتبول مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، قەغەز قىيىش دەرسى قىزىقارلىق ئۆتۈلۈۋاتاتتى... 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، چارۋىچى قانات ئاشات سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتە دەرس ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھاياجانلىنىپ: «ھازىرقى ئوقۇتۇش بەك ياخشى ئىكەن، ھېچكىم بۇنى چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەكتەپ دېمەيدۇ» دېدى.

قانات ئاشات سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىسى ئەرداۋشۇي كەنتىدىكى چارۋىچى بولۇپ، بۇ ئىككى يىلدا كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. ئۇ بۇ يىل تېخى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ پۇتۇڭخۇادا خېرىدارلار بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«مەكتەپنىڭ مۇھىتى ياخشى ئىكەن، مۇئەللىملەر ياخشى ئوقۇتىدىكەن، بالىلار بۇ يەردە شەھەردىكىلەرگە ئوخشاش ئوقۇيدىكەن، مەن خاتىرجەم بولدۇم!» دېدى قانات خۇشال ھالدا.

قانات ئاتا - بالا پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئوقۇتقۇچى گاۋ شەن كېلىپ قالدى، ئۇ سانجى شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، گاۋ شەن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى جېڭ لىلى بىلەن بىللە ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپكە «مائارىپقا ياردەم بېرىش»كە كەلگەنىدى.

2018 - يىلى، سانجى شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ بىلەن «ئوقۇتۇش ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ بىرلىشىپ، شەھەر - يېزا مەكتەپلىرى ئارا مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بەردى. 2019 - يىلى ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە ئۆلچەمگە يېتىش سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

«بىزنىڭ مەركىزىي مەكتىپىمىزدە يەسلىدىكىلەر قوشۇلۇپ جەمئىي 1100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى. بالىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەندۈرۈش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.» ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى پەن جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەندىن كېيىن، يېزا - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ، مەكتەپلەرنىڭ پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى. ھازىر، چارۋىچىلار بالىلىرىنىڭ يېزا - كەنت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىدىغان بولدى.

يېزا مەكتەپلىرى شەھەر مەكتەپلىرىگە ئوخشاش بولدى، بۇ خىل ئۆزگىرىش سانجى شەھىرىنىڭ مائارىپ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىدىن بولدى.

2018 - يىلىدىن بۇيان، سانجى شەھىرى شەھەر - يېزا مەكتەپلىرىدە «مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى»نى بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۇل مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. سانجى شەھىرىدىكى شەھەر - يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش» ۋە «مائارىپقا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتلىرى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى كادىرلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالماشتۇرۇش مۇددىتى بىر يىل بولدى، ئاساسلىقى دەرس ئۆتۈش، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش، ئىش ئورنىدا ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«بىز مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش پەرقىنى كىچىكلىتىشتىن مەكتەپلەر ئارا قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادىل مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىشقىچە، مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ماڭدۇق» دېدى سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لۇڭ نەنفېي.

لۇڭ نەنفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەردىكى 30 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئەسلىدە بار بولغان ئون شەھەر - يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش رايونى ئورتاق گەۋدىسى ئاساسىدا، گۇرۇھلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھىدىن سەككىزنى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ گۇرۇھى ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرس قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، مائارىپ پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى