تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتەيلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن ③

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ <باھار ھېكايىسى>نى داۋاملىق يېزىش كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەردانە سۆزى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچكە تولغان بولۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىقنى نامايان قىلىپ، بىزنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىشتەك كۈرەش قىلىش قىياپىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇپ قالالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

2020 - يىلى، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان 50 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە باشقا 75 ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 143 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر 268 ئىسلاھات لايىھەسىنى چىقاردى. بۇ بىر يىلدا، بىز شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. ئىسلاھاتنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولدۇق. نەنخەي دېڭىز ساھىلىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى، شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى؛ خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويى گۈزەللىككە، رەڭدارلىققا تولدى، پۇدۇڭ ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان رايوندىن فۇنكسىيەسى توپلاشقان، مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولغان بىر زامانىۋى يېڭى شەھەرگە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشكە ئايلاندى، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشكە ئايلاندى» دەپ ماختىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياراتقان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىدىن ھاياجانلاندى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىدىيە، قاراشتىكى ئاسارەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەيۋەتلىك، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات مۇساپىسىنى باشلىدى. يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 2485 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئىسلاھات نىشان - ۋەزىپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن قەرەلىدە تاماملاندى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىللاردىكى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەلەر، قوللانغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر، قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، بۇ بىر مەيدان ئىدىيە، نەزەرىيەدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش، بىر مەيدان ئىسلاھاتنى تەشكىللەش شەكلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مەيدان دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش، بىر مەيدان خەلق كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. مۇھىت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىز نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭدۇق، لېكىن يەنە يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىق بار، بىز نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭدۇق، لېكىن يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات يەنە بىر يېڭى تارىخىي پەيتكە يېتىپ كەلدى، بىز ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادى نۇرغۇن مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلدى، بىز ھەرگىزمۇ قارشى شامال ۋە قايتما دولقۇن تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالماسلىقىمىز، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشىمىز، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتسەكلا، بىز چوقۇم كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دولقۇن يېرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

«دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى.» يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇلۇغ مۇساپە باشلاندى، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلاندۇق، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلىساقلا، بىز چوقۇم تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يېزىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ