تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى

پاكىز ئېنېرگىيە %40نى ئىگىلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇ گاڭ) 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 102 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %43.4كە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم بازىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 58 مىليون 586 مىڭ كىلوۋاتقا، سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 7 مىليون 108 مىڭ كىلوۋاتقا، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 23 مىليون 551 مىڭ كىلوۋاتقا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 12 مىليون 59 مىڭ كىلوۋاتقا، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ھەم باشقا «يېشىل» گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 220 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %43.4كە يەتكەن.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چيۇ گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى، دۆلەتنىڭ شامال ئېلېكتىرىنىڭ توردىكى توك باھاسى ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ رىقابەت باھاسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلىرى «تېز قۇراشتۇرۇش دولقۇنى»نى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن بىر يىلدا 71 يېڭى ئېنېرگىيە مەيدان - پونكىتنى يېڭىدىن قۇردى ۋە تورغا تۇتاشتۇرۇشنى تاماملىدى، بۇنىڭ سىغىمچانلىقى 5 مىليون 793 مىڭ 470 كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %70كە يېقىنراقىنى ئىگىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا گېئومېتىرىيەلىك ئېشىش كۆرۈلۈپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2010 - يىلىدىكى 14 مىليون 70 مىڭ كىلوۋاتتىن ئېشىپ، ھازىرقى 100 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.

شىنجاڭنىڭ مول توكى شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە تۆت «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى ئارقىلىق، ئون يىلدا 20 ئۆلكىگە جەمئىي 360 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن كۆپرەك توك يەتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى