تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى %96 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2020-يىلى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تاماملىنىدىغان يىل. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى 8823 مەمۇرىي كەنتنى قاپلاپ، قاپلاش نىسبىتى %96كە يېتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %70 يېزا-بازار ۋە مەمۇرىي كەنتلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش»تەك نىشان-ۋەزىپىلەر تاماملاندى.

  2018-يىلى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، مۇھىت ئاسراش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئاھالىلەر توپلاش، كەنت يىغىۋېلىش، يېزا-بازار يۆتكەپ توشۇش، ناھىيە، شەھەر بىرتەرەپ قىلىش»، «ئاھالىلەر توپلاش، كەنت يىغىۋېلىش، يېزا-بازار بىرتەرەپ قىلىش»، «ئاھالىلەر توپلاش، كەنت يىغىۋېلىش، يېقىن ئەتراپتا بىرتەرەپ قىلىش» قاتارلىق ئوخشىمىغان يېزا ئەخلەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  ھەردەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىك، يېزا تارماقلىرى مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، تەشكىللىك قانات يايدۇردى، ھەرقايسى جايلار ئۆز رايونىنىڭ ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ سىغىمى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى، مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنى تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر ئورۇنغا بىر تەدبىر بويىچە تۈزەشتىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى مۇقىملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنى تۈزەش ھەرىكەتچان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، بىر ئورۇندا بايقالسا، بىر ئورۇننى تۈزەپ، بىر ئورۇننى تىزىملىكتىن ئۆچۈردى. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن 145 ئورۇندىكى مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى تەرتىپكە سېلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 1 مىليارد 438 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن. تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خىزمەتلەرنى نىسبەتەن ياخشى قانات يايدۇرغان ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە يېزا-بازارلارنى نۇقتىلىق مۇكاپاتلىغان ۋە قوللىغان. يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، كىچىك شەھەر، بازار ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەيدانى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى