تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، 2020-يىلى 2 مىليون 250 مىڭدىن ئارتۇق نامرات كىشىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى: خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ دىققەتنى نامراتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق شەھەر-يېزىلاردىكى 2 مىليون 250 مىڭ نامرات ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى، شىنجاڭ شەھەر-يېزىلاردىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تولۇق قاپلاش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتى سىياسىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، 2020-يىلى، شىنجاڭدىكى ناھىيە(شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر 1 مىليون 449 مىڭ 700 نامرات كىشىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان مەبلەغدىن 95 مىليون 104 مىڭ 700 يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى شىنجاڭ نامرات ئاھالىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 255 مىڭ 300 نامرات ئاھالە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.99كە يەتكەن؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 1 مىليون 777 مىڭ 800گە، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

   بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 1 مىليون 344 مىڭ 400ى سۇغۇرتىغا قاتناشقان، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتكەن؛ ئاپتونوم رايون بويىچە 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلاردىن 461 مىڭ 100 كىشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان، تاماملاش نىسبىتى %99.97كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ