تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 18 ئەنئەنىۋى كەنتنىڭ ھەممىسىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، 2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى كەنتلەردە ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتقان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 18 ئەنئەنىۋى كەنتنىڭ ھەممىسىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش تاماملانغان.

2012 - يىلى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش خىزمىتى دۆلەت قاتلىمىدىن رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي بەش تۈركۈمدە 18 كەنت جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كەنتتىكى ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلار ئۈنۈملۈك قوغدالدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىندى، يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇنى تۈزەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ماس قەدەمدە ياخشىلاندى، يەنە شۇ جاينىڭ ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ 18 ئەنئەنىۋى كەنت يەتتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە ئەنئەنىۋى كەنت مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە پېشايۋانلىق ئۆيلەرنى قوغداش ئۈچۈن، شۇ جاي «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش نىزامى»نى چىقىرىپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش بەلگە تاختىسى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەلەپ قىلغان لايىھە نۇسخىسى ۋە ئۆلچەملىك ھەجىم بويىچە بىرتۇتاش ياسىلىدىكەن. بەلگە تاختىسىدا بۇ كەنتنىڭ جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنت بولۇپ تاللانغان ۋاقتى كۆرسىتىلگەندىن باشقا، يەنە بىردىنبىر ئىككىلىك كود بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر كودنى سىكاننېرلىسىلا جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر رەقەملىك مۇزېيىغا كىرىپ، يان تېلېفوندا جۇڭگودىكى بۇ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، مۇھىت ئەندىزىسى، ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، مەززىلىك تائام بايلىقلىرى ۋە ساياھەت يېتەكلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم قوغداش قىممىتىگە ئىگە كەنتلەرنى جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تەۋسىيە قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى كەنتلەر رەقەملىك مۇزېي قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ كەنت قىياپىتى، ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەر ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، كەنتلەرنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، كەنتلەرنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، كەنتلەرنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى