تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نىلقا ناھىيەسى: تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇش

  ئانار بۇلۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىق باقمىچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ سىجىل زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇردى ھەمدە زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.

  يېقىندا، مۇخبىر نىلقا ناھىيەسى كېلەڭ يېزىسى شۈنمىن ئات، كالا، قوي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ نەسىل ياخشىلاش ئارقىلىق شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ بىر قانچە يىلدا، نىلقا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى زامانىۋى باقمىچىلىق ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، چارۋا نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يەرلىك باقمىچىلىققا ماس كېلىدىغان ئەلا نەسىللىك چارۋا تۈرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئارقىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل زورايتتى. نىلقا ناھىيەسى كېلەڭ يېزىسى شۈنمىن ئات، كالا، قوي باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى شيۇلەن مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 180 نەچچە تۇياق كالا، 120 نەچچە تۇياق ئىنەك، 50 تۇياق زاپاس كالا بار، بۇ يىلقى موزايدىن يەنە ئون نەچچىسى بار، كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تاللاش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك قوڭۇر كالىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ».

  بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 3264 كىۋادىرات مېتىرلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك قوتان، 2100 كۇب مېتىر سىلوس ئورىسى، 40 كىۋادرات مېتىرلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆيى، 750 كىۋادرات مېتىرلىق قۇرۇق ئوت-چۆپ لاپىسى بار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى + نامرات ئائىلە» مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 192 نامرات ئائىلىنى قوبۇل قىلدى، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كۆپەيتىش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بورداش باقمىچىلىق ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «سانىنى سۈپەتكە ئۆزگەرتىش، سۈپىتىنى بازارغا ئۆزگەرتىش» پىرىنسىپى ئارقىلىق چارۋا پادىلىرى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەن. ھازىر كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسىدىن 19ى قۇرۇلدى، ناھىيە بويىچە قوتاندىكى چارۋا 1 مىليون تۇياققا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى چارۋا 87 مىڭ تۇياققا يەتتى، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق 3822 نامرات ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.

مەنبە: نىلقا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شى شۈەي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى