تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىنىپى» پىچان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  ئانار بۇلۇت: ئۆز جايىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پىچان ناھىيەسىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خېڭياڭ شەھىرىنىڭ 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاستىچىسى بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پىچان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى جۇرۇڭ شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىنىپى»نى ئاچتى.

  40 كۇرسانت 14 كۈنلۈك سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي بىلىملىرى، سۇپىدىن پايدىلىنىش، تور رىياسەتچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق مال تونۇشتۇرۇش ماھارىتى، كەنتتە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ھەم ئېقىم مىقدارى تىجارىتى، قىسقا سىن ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ئۆلچەملىك، پۈتۈن جەريانلىق تەربىيەلەشلەرنى قوبۇل قىلدى. لى چۇڭلىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كۇرسانت ئىدى.

  لى چۇڭلىن داشۆ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوشەن قىسقا فىلىم سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ، ئاز بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى، لېكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمىغانىدى. ئۇ خېڭياڭغا بېرىپ تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، توردا ۋاڭخۇڭغا ئايلىنىشنىڭ «سىر»نى تاپماقچى بولدى. ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش تەجرىبىسى يەنە ماھارەت كۆرسىتىش تالانتى بار ھەم سۆزمەن بولغاچقا، تەربىيەلەش كۇرسىدا ناھايىتى تېزلا مۇنەۋۋەر كۇرسانتقا ئايلاندى.

  تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى چۇڭلىن ئۆگەنگەن ماھارىتىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتتى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ ئوخشاش ئارزۇدىكى بىرنەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى، ھازىر ئۈچ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى بار. ئۇلار دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، پىچان رەڭلىك قاشتېشى، لاتقا تاش، فېڭلىڭ تېشى قاتارلىقلارنى ساتتى.

  لى چۇڭلىن ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانىتىدىن پايدىلىنىپ، پىچان رەڭلىك قاشتېشىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا «ئۇچۇرتتى». بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلانغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئېشىپ، سېتىش سوممىسى 300 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  «بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، پىچان رەڭلىك قاشتېشىنى تېخىمۇ كېڭەيتتۇق، تاپشۇرۇۋالغان خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى رەڭلىك قاشتېشىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. تور سۇپىسى ئارقىلىق قىسقىغىنا يېرىم ئايدا بەش توننا رەڭلىك قاشتېشى ساتتۇق» دېدى لى چۇڭلىن.

مەنبە: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئابلەت ئابلىمىت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى