تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

37 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىلىرىنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى

ئۈرۈمچى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋىرى: ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ يۇڭ، لى ۋېي، دۇڭ جۈننىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، پاختا سېتىۋېلىشنى قوللايدىغان ئاساسىي بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پاختا سېتىۋېلىشنى قوغداپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %60 پاختىسىنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، بۇ بانكا جەمئىي 37 مىليارد 600 مىليون يۈەن پاختا سېتىۋېلىش قەرز پۇلى تارقىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئارتۇق مەبلەغ سالدى؛ كارخانىلارنىڭ 3 مىليون 20 مىڭ توننا ساپ پاختا سېتىۋېلىشىنى قوللاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 690 مىڭ توننا ئارتۇق كىرىم قىلدى.

پاختا سېتىۋېلىش-سېتىش بازىرىدىكى ئۆزگىرىش يېڭى ۋەزىيىتىگە قارىتا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى مەخسۇس ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى تۈزۈپ، 142 پاختا سېتىۋېلىش كارخانىسىنىڭ كىرېدىت مەبلىغىنى تەستىقلاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاپ، 50 مىليارد يۈەن سېتىۋېلىش مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلاپ، «پۇل پاختىنى ساقلاش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ «پاختا سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، «دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى پاختا كارخانىلىرىنى نامرات ئائىلىلەر بىلەن پاختا سېتىۋېلىش-سېتىش زاكاز تالونى ئىمزالاش، ياردەم بېرىش ياكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن جەمئىي 22 مىليارد 500 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش، سېتىۋېلىش قەرز پۇلى تارقىتىپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 67 ناھىيە، شەھەر، رايونغا تەسىر كۆرسەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ بانكا سېتىۋېلىش ھالقىسىدىكى خېرىدارلار ھەمكارلىقى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن پاختا كەسىپ زەنجىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا + كېپىللىك + زاكاز مال + سۇغۇرتا + پاختا ئومۇمىي كەسپى»دىن ئىبارەت پاختا پۇل مۇئامىلە «ئېكولوگىيە چەمبرىكى»نى بەرپا قىلىپ، پاختا كىرېدىتىنىڭ پاختا پۇل مۇئامىلىسىگە ئۆزگىرىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن پاختا كەسپى قەرز پۇلى تارقاتتى ھەم تور بانكىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىش، نەق پۇل چىقىم قىلىش ۋە «تېز پېرېۋوت قىلىش»تىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، راسچوت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى