تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانائەت كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدى

جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە شىركىتى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتتە ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە شىركىتى زاۋۇت رايونى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). جاڭ جېنيەن فوتوسى

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى بازىسىغا تەرەققىي قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. سۈرەتتە، ئىشچىلار لوپ ناھىيەسى بېيجىڭ سانائەت رايونىدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ سېخىدا يىپ ئېگىرمەكتە (3-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. سۈرەتتە، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى (گەنچۈەنباۋ) يېڭى ماتېرىيال سانائەت رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا (8-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى كۆمۈر بازىسى ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونىنىڭ 1- قارارلىق تۈر كونترول مەركىزىدە، تېخنىك خادىملار ئاپتوماتىكلاشقان كونترول قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغار مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر قولدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى، بىر قولدا بۇلغىنىشنى تۈزەشنى تۇتۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

قۇمۇل شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش بازىسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇمۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بىر مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سۈرەتتە، ئىشچىلارنىڭ قومۇل «جىنفېڭ» شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا شامالدۇرغۇچ ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرماقتا. (9-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان «گۇاڭچى» يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللار شىنجاڭ ئىچى-سىرتىغا ئۈزلۈكسىز توشۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ ئېشىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. سۈرەتتە، باش قۇراشتۇرۇش سېخىنىڭ ئىشچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا (3-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئەلالىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. سۈرەتتە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا (1-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى