12-ئاينىڭ 25-كۈنى، تەربىيەلەنگۈچىلەر گۈل تىزىشنى ئۆگەنمەكتە. يېقىندا، شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى گۈل تىزىش، پىشۇرۇق پىشۇرۇش، ئائىلە ئىشلىرى، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، تىككۈچىلىك، ئاشپەزلىك، قەغەز قىيما قاتارلىق تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاياللارنى قىشتىكى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېخنىكا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. (لۇ شۆچىن فوتوسى)
12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىشچىلار كىيىم-كېچەك زاكازلىرىنى ئۈلگۈرتۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى داگېجۈ سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل 7-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، پىششىقلىغان مەكتەپ فورمىسى، خىزمەت كىيىمى قاتارلىق زاكازلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى. (خۇا يەنمىڭ فوتوسى)
12-ئاينىڭ 25-كۈنى، كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە بولدى. يېقىندا كورلا شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا سوراش شەكلى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. (ۋېي يىنخې فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى