تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى: پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن بۆلجۈرگەنلەر بازارغا سېلىندى

ئاپتور: لى رۇڭ مەمەتئېلى ئەنۋەر

ھازىر شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى تۆۋەن پىچەكچى كەنتىدىكى لوپ ناھىيەسىنىڭ ئېسىل، ئۆزگىچە، مېۋە، كۆكتات تېرىقچىلىق باغچىسىدا، تۇنجى بولۇپ بۆلجۈرگەنلەر پىشىپ بازارغا سېلىندى، ئىشچىلار بۆلجۈرگەن پارنىكىدا ئالدىراش بۆلجۈرگەن ئۈزدى.

بۆلجۈرگەن پارنىكىدا، لوپ ناھىيەسىنىڭ ئېسىل، ئۆزگىچە مېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى چى شيەنگاڭ ئىشچىلارنىڭ چېچەك ۋە مېۋىسىنى شالاڭلىتىشىغا، پىشقان مېۋىلەرنى ئۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. چى شيەنگاڭ مۇنداق دېدى: «پىشقان مېۋىلەرنى تاللاپ ئۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم يېنىك ئۈزۈپ يېنىك قويۇش، مېۋە ئېتىگە تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، يىلتىز ۋە شاخلارنى زىدە قىلىپ قويماسلىق، كېيىنكى مەزگىلدىكى چېچەك ۋە مېۋىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك».

چى شيەنگاڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەن پىچەكچى كەنتىدە 22 پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۆلجۈرگەن، كاشتان كاۋىسى، مېۋە-چېۋە، شوخلا، بۆلجۈرگەن قاتارلىق ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى 10غا يېقىن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ساياھەتچىلەر ئەمدىلا ئۈزگەن بۆلجۈرگەننى كۆرسەتمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

پىشقان قىزىل بۆلجۈرگەنلەر. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

پىشقان ئاق بۆلجۈرگەنلەر. (لى رۇڭ فوتوسى)

بۆلجۈرگەن پىشتى. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

چى شيەنگاڭ بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

چى شيەنگاڭ بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

چى شيەنگاڭ (ئالدىنقى رەت ئوڭدا) ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە بۆلجۈرگەن تېرىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقتا. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

چى شيەنگاڭ (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە يېڭىلا ئۈزگەن بۆلجۈرگەنلەرنى كۆرسەتمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

كەنت ئاھالىلىرى بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى