مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ»لار ۋە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتىكى نەمۇنىچى شەخس»لەرنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 27 كوللېكتىپ، 46 شەخس تىزىملىككە كىردى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىللىق مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ»لار ۋە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتىكى نەمۇنىچى شەخس»لەرنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېرداۋچياۋ باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 27 كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ» دېگەن نامغا، ليۇ خۇيليەن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 46 شەخس مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ياشانغانلارغا كۆيۈنىدىغان، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى 2012 - يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ» بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم باھالاپ تەقدىرلىگەن.
مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ» تىجارەت، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ياشانغانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى پائال قانات يايدۇرغان ئىلغار كوللېكتىپلارنى كۆرسىتىدۇ؛ مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتىكى نەمۇنىچى شەخس» ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئاممىنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن ئىلغار شەخسلەر ۋە ياشانغانلار ئىشلىرىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغان، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئىلغار شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ياشانغانلارغا كۆيۈنىدىغان، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.