تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن نىشان - ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «13 - بەش يىل» پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، «14 - بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى باشلاش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشتا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىز قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلىشىمىز كېرەك. ئېغىر مەسئۇلىيەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىمىزدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلىشى كېرەك؛ ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېزدىن سىڭىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىش كېرەك، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تېخىمۇ شۇنداق. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەتتىنچىدىن، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سەككىزىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك؛ توققۇزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئونىنچىدىن، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي - تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانىغا يېتىدۇ. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرچ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك كونكرېت ھەرىكەت لايىھەسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى