تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قويۇق نېفىت ئېچىش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ بېكىتىش يىغىنىدا، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو نېفىت قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، غەربىي جەنۇب نېفىت داشۆسى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) بىرلىكتە تاماملىغان «كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى ئېچىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ھەم ئۇنى سانائەتلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش» نەتىجىسى بىردەك ماقۇللانغان. باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى بۇ نەتىجە خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى، دەپ قارىغان.

ئەلا سۈپەتلىك نافتېنلىق قويۇق نېفىت نېفىت ئىچىدىكى «سىرەك توپا» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ قويۇق نېفىت بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ، نافتېن تەركىبى %69.7كە يېتىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تەكشىسىز ماددىچانلىقى كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا بېسىمى تۆۋەن، خام نېفىتنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ناچار بولۇپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىش مىسالى يوق ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىت زاپىسىدىن پايدىلىنىش، قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى تەكشىسىز ماددىچانلىقى كۈچلۈك ئالاھىدە قويۇق نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكەلگە ئۇدا ھۇجۇم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاققىچە نەتىجىسى بولمىغانىدى. خەلقئارادىكى داڭلىق نېفىت شىركىتى ئىلگىرى ئۈچ قېتىم شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىت بايلىقىنى ئېچىشقا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قېتىمدا ئۈنۈملۈك ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغانىدى. 1996 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى كۆپ پەندە ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى قويۇق نېفىتنى ئېچىشقا ماس كېلىدىغان قىزدۇرۇپ نېفىت ئېلىش نەزەرىيەسى بويىچە تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك نافتېنلىق قويۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 13 ئاكادېمىكى ۋە تۆت مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان. باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى مۇنداق قارىدى: بۇ نەتىجە دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى ئېچىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئالاھىدە قويۇق نېفىت ئېلىش جەھەتتىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى نېفىت زاپىسىنى ئېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولماسلىقتەك دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى سىڭمە ئېقىم توسۇقى كۆپ دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىتقا پار بېرىش ئارقىلىق ئېغىرلىق كۈچى بىلەن نېفىت چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، ئىككىنچى، قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا قاتلىمىدىكى ئالاھىدە قويۇق نېفىتقا كۆپ ھالەتنى ماسلاشتۇرۇپ پار بېرىش ئارقىلىق نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، ئۈچىنچى، قۇرۇقلۇق فاتسىيەسىدىكى كۈچلۈك تەكشىسىز ماددا تېيىز قاتلىمىدىكى ئالاھىدە قويۇق نېفىتكە پار بېرىش ئارقىلىق تاشلىۋېتىلگەن نېفىت زاپىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە چىقىرىشتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوت بىلەن ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ نافتېنلىق قويۇق نېفىت بايلىقىنى ئېچىشتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 4 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 15 يىل مۇقىم بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېلىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 200 مىليون توننىغا كۆپەيتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، جەمئىيەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇنى كېڭەيتىش، قوللىنىش ئىستىقبالى پارلاق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى