تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۇچا چوڭ نېنىدىكى بېيىش دەستۇرى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جيەنچياڭ

«نان پىشتى!» 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى ئۈچىنچى ئۇچا كەنتىگە جايلاشقان سايبويى چوڭ نان شەھەرچىسىدە مەززىلىك نان ھىدى ئىچىدە بىر كۈنلۈك قاينام - تاشقىنلىق باشلاندى. روزى توختى قاتارلىق ناۋايلار ياققان تۇنجى تونۇر نان ھېلىلا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، نان سېتىۋالغىلى كەلگەن دېھقانلار ئىككىنچى تونۇردىكى ناننى ساقلاۋاتاتتى.

سېختا، نان راسلاۋاتقان ئەينىسەم بارات كۆز ئالدىدىكى قاردەك ئاپئاق ئۇن، سۈزۈك سۇيېغى، ئالتۇن رەڭلىك كۈنجۈت، قىپقىزىل لازا، قېنىق بىنەپشە رەڭلىك مۇراببا قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدىن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى نانلارنىڭ يېقىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كۇچا چوڭ نېنى بۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جانلاندۇردى، دېھقانلارنىڭ نانچىلىق كەسپىگە تايىنىپ پۇل تېپىش يوللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى».

كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئۈچىنچى ئۇچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ شىرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىمىز 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، سايبويى چوڭ نان شەھەرچىسىنى قۇردى، ئۇچا بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ نان يېقىش بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش تىجارەت قىلىنىدۇ.

ناننى كەسىپلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ئۆزگىرىش شۇ بولدىكى، سېتىلىش مىقدارى ئاشتى، تۈرى كۆپەيدى، قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى، كىرىم ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۈچىنچى ئۇچا كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، سۈت نان، زاغرا نان، گۈلقەنت نان، لازا نان قاتارلىق يېڭى تۈرلەرنىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدىن چىقىدۇ. «ناننىڭ سۈپىتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ نان شەھەرچىسى دېھقانلار بىلەن توختام ئىمزالاپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىك شەكلىدە مەھسۇلات مەنبەسىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى» دېدى ۋاڭ شىرۇڭ.

سايبويى چوڭ نان شەھەرچىسىگە ئوخشاش بۇنداق نانچىلىق كەسىپلەر باغچىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ ھەربىر يېزا - بازىرىدا دېگۈدەك بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆلەملەشكەن، ئەڭ خاسلىققا ئىگە بولغىنى كۇچا شەھىرى ئىشخلا بازىرىغا جايلاشقان كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىدۇر. ئىمارەتلىرى قەدىمىي پۇراققا ئىگە، ئەسلىھەلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان كۇچا چوڭ نېنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان جاي، شۇنداقلا كۇچانىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى تونۇرلار مۇھىت قوغداش ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىر كۈندە ئاز دېگەندە 5000 نان ئىشلەپچىقىرىپ، 2.5 توننا ئۇن، 100 كىلوگىرام پىياز ھەمدە ئوخشاش بولمىغان مىقداردىكى سۇ يېغى، لازا، زاراڭزا، كۈنجۈت قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدىكەن.

كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ چىڭخۇانىڭ نەزەرىدە، كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى كۇچا چوڭ نېنىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىشخلا بازىرىنىڭ لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مىجىت روزى ئەر - خوتۇن ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى، 2018 - يىلى 6 - ئايدا كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئايدا ئائىلە كىرىمى 4000 يۈەن كۆپىيىپ، شۇ يىلى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. مىجىتنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، بۇلتۇر ئۇ تېرىغان ئىككى مو يەردىكى پىياز ۋە سەۋزىنىڭ ھەممىسىنى كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى سېتىۋاپتۇ، باھاسىمۇ بازار باھاسىدىن يۇقىرى بوپتۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كۇچا شەھىرىدە نۆۋەتتە كۈنىگە 150 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىڭى شۇ جايدا سېتىلىدىكەن، 50 مىڭى باشقا جايلارغا سېتىلىدىكەن. بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، نىڭبودا كۇچا چوڭ نېنىنى نەق مەيداندا يېقىش، سېتىش تارماق دۇكانلىرى بار بولۇپ، كۇچانىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چوڭ نانغا ئەگىشىپ تەرەپ - تەرەپكە ئوبوروت قىلىنىدىكەن. كۇچا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، نانچىلىق كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى مىرزىگۈل مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: كۇچا چوڭ نېنى كۇچا شەھىرىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ