تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار يۈ ۋېنجىڭ، چېن چۇنيۈەن): قىش پەسلىدە، جياڭشى ئۆلكىسى شىنفېڭ ناھىيەسى دائا بازىرىنىڭ ليەنتاڭ كەنتىدە، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر پاكىز، رەتلىك، يېڭى بېزەلگەن باغچە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆكتات پارنىكىنىڭ يېشىللىققا پۈركىنىپ، ئىلگىرى ئەخلەت دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن كونا قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

  ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىش ئېلىمىز يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ بىر كارتىنىسى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جايلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى نىشان-ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %65تىن ئاشتى، 2018-يىلىدىن بۇيان يېزىلاردا ئۆزگەرتىلگەن ھاجەتخانىلار جەمئىي 35 مىليوندىن ئاشتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ، توشۇپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى %90تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، %95تىن ئارتۇق كەنتتە تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى