تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېز سىڭىشىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى «13 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان، «14 - بەش يىل»غا قەدەم قويىدىغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2020 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، 2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېز سىڭىشىمىز، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشىمىز، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلىشىمىزغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئاڭلىق ھالدا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى پات ئارىدا تاماملىنىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىشىمىزغا پۇختا ئاساس سالدى، ھەم بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىشەنچ ۋە غەيرەت بېغىشلىدى.

كېلەر يىلى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشىدىغان ۋە ئالمىشىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3 - ، 4 - ، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى جاسارەت بىلەن تاماملاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشتە بىرىنچى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى