شايار ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئايلانما ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇردى
«كالىلار سەمرىدى، يەرلەر مۇنبەتلەشتى، مۇھىت ياخشىلاندى»
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى
«مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلىپ تېرىلغان شوخلىلار چىرايلىق ھەم يېيىشلىك، مەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، مەخسۇس ئورگانىك كۆكتات تېرىيمەن.» 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرىدىكى پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا شاگىرت سۇلتان مەمەت ئەمدىلا ئۈزۈلگەن شوخلىلارنى سودىگەرلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ سېتىۋېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇستازى ليۇ شىفا بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ليۇ شىفا پارنىكتا كۆكتات تېرىش بازىسىدىن بىر يول ئايرىلىپ تۇرىدىغان كالا فېرمىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۇلتانغا مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولدى. بىر پارنىكقا ئۈچ توننا مەھەللىۋى ئوغۇت كېتىدۇ، كالا فېرمىسى پارنىك ئالدىغىلا سېلىنسا، كالا تېزىكى ئەرزان بولۇپلا قالماي، يەنە توشۇش ھەققى تېجىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ».
ليۇ شىفا تويبولدى بازىرى تويبولدى كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىقى ئائىلىسى. بازار ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ زېھنىنى ئورگانىك كۆكتات تېرىقچىلىقىغا قويدى. ھەر قېتىم كۆكتات تېرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ھەممىلا يەردە توخۇ مايىقى، كالا تېزىكى سېتىۋالاتتى. بۇ يىل تويبولدى بازىرى يېزا ئىگىلىك ئايلانما ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بۇ بازارنىڭ تېرەك كەنتىدە پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسى ۋە زامانىۋى چارۋىچىلىق ئايلانما ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. ليۇ شىفا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى كۆزلەپ، 20 كۆكتات پارنىكىنى ھۆددىگە ئالدى.
«مەن تېرەك كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىن ئون دېھقاننى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلارنىڭ مائاشى بار، يەنە كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلەيدۇ، ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن پارنىك ھۆددىگە ئالسا بولىدۇ. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، بىز ھەممىمىز بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلەيمىز» دېدى ليۇ شىفا مۇخبىرغا.
زامانىۋى چارۋىچىلىق ئايلانما ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا رەتلىك 54 زامانىۋى كالا قوتىنى بار بولۇپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مەيدانى، ئۆلچەملەشكەن تۇغدۇرۇش قوتىنى، مال دوختۇرلۇق نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. تويبولدى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن بازار بويىچە 28 كالا بېقىش چوڭ ئائىلىسى بازىغا ماكانلاشقان بولۇپ، باقمىچىلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان چارۋا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
كالا بېقىش چوڭ ئائىلىسى ئوسمان ئەمەر پەيزاۋات كەنتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ۋە ئوغلى بىر تەرەپتىن كالىغا يەم بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋى چارۋىچىلىق ئايلانما ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ماكانلىشىشنىڭ پايدىسىنى تەپسىلىي ساناپ بەردى: باقمىچىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كالىلارنىڭ «تۇرالغۇ، سۇ ئىچىش، كېسىلىنى كۆرسىتىش» قاتارلىق شارائىتلىرى ياخشىلاندى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالدى. يېقىن ئەتراپتىكى پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدىكى كۆكتات پېلەكلىرى ۋە ئېشىندا ماتېرىياللارنى ئۇششاقلىغاندىن كېيىن كالىلارغا بېرىشكە بولىدۇ؛ ئەتراپتا 2000 مودىن ئارتۇق يەم - خەشەك بازىسى ئېچىلىدىغان بولۇپ، كالا تېزىكى ئۇنىڭغا ئەسقاتىدۇ. «كالىلار سەمرىپ يەر مۇنبەتلەشتى، مۇھىت ياخشىلاندى» دېدى ئوسمان.
بۇ بازىدا ئايلانما ئىقتىساد كالا بېقىش بىلەن كۆكتات تېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتىلا گەۋدىلىنىپ قالمىدى. بازىدا ھازىر 2000 تۇياقتىن ئارتۇق كالا بار بولۇپ، %60ى كۆپەيتىلىدىغان كالا، قالغىنى بوردىلىدىغان كالا. بازا يەنە سويۇش، پىششىقلاش، يەم - خەشەك پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك نەسىل يېتىشتۈرۈشتىن تارتىپ مەھسۇلاتلارنى سېتىشقىچە بىر گەۋدە شەكىللەندۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىر يەنە نۇرغۇن باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بازىغا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىر قىسىم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار بازا بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىنچىكە پىششىقلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كېرەكسىز ماتېرىياللارنى گۆھەرگە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
شايار ناھىيەسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق كېۋەز تېرىش چوڭ ناھىيەسى، قانداق قىلغاندا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زور مىقداردىكى كېۋەز غولى، پاختا تىرىپىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟
شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدە زامانىۋى كېۋەز تېرىقچىلىقى، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنتتە بۇغا باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، نۆۋەتتە، بۇ كوپىراتىپقا 13 باقمىچىلىق ئائىلىسى قاتنىشىپ، بۇغا باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.
«كەنتىمىزدىكى كېۋەز غولى، پاختا تىرىپى ھەمدە كېۋەز غوزىكى بۇغىنىڭ قىشلىق <ئوزۇق - تۈلۈكى> بولۇپ قالدى. يازدا بۇغا ئاساسلىقى سۆگەت شاخلىرىنى يەيدۇ، بىز يول ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىغا نۇرغۇن سۆگەت تىكتۇق، ئىھاتە ئورمىنىمۇ بار بولدى، بۇغىلارمۇ يېتەرلىك يەم - خەشەككە ئىگە بولدى» دېدى ئىتتىپاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قايلور بازىرى تارىم دەرياسى بۇغا باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما باڭخېڭ.
باغ - ئورمانچىلىق شايار ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر يولى بولۇپ، يەرلىكنىڭ تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشىمۇ باغ - ئورمانچىلىقتا ئىپادىلەندى. بۇ يىل، قايلور بازىرىنىڭ ئىگەچى كەنتى، دۈشەنبە بازار كەنتى قاتارلىق كەنتلەردە «باغ توخۇسى» باقمىچىلىقى مودا بولدى. ياڭاقلىق باغدا 2000 قارا توخۇ باققان دۈشەنبە بازار كەنتىدىكى باغۋەن ياسىن لوقمان مۇنداق دېدى: باغدا توخۇ باقساق، مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئوغۇت يېتەرلىك بولىدىكەن، توخۇنىمۇ ياخشى ساتقىلى بولىدىكەن، كاتەكتىن چىقماستىنلا ئۆز يېرىمىزدىكى ئاشخانا، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىپ بولدى.