تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ھاسىلىي بايلىقنى ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى

ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشتىكى مەنبەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ھاسىلىي بايلىقنى ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كورلا شەھىرى لىشياڭ كوچا باشقارمىسى دېلىن مەھەللىسى خۇڭشىڭچاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى لى ۋەنشېڭ كورلا شەھىرى جىكېشيا ھاسىلىي بايلىقنى ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرىغا كېلىپ، كېرەكسىز، كونا قەغەز يەشىككە بىر بوتۇلكا جياڭيۇ ئالماشتۇردى، «مېنىڭ نومۇر جۇغلاش كارتامغا خېلى كۆپ نومۇر يىغىلدى. تاۋار ئالماشتۇرماقچى بولسام، توردا كۇنۇپكىنى بىرلا بېسىپ زاكاز بەرسەم ياكى تېلېفون قىلسام مەخسۇس خادىم ئۆيگە كېلىپ يىغىۋالىدۇ».

كېرەكسىز قەغەز يەشىككە جياڭيۇ ئالماشتۇرغىلى، كولا بوتۇلكىسىغا كولا ئالماشتۇرغىلى، كېرەكسىز تۆمۈرگە گۈرۈچ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ... تىجارەت باشلىغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بۇ تاللا بازىرىدا كۆزگە چېلىقمايدىغان كېرەكسىز، كونا بۇيۇملار يىغىۋېلىنىپ قايتا پايدىلىنىش ئۆلچىمىگە يەتسىلا، ھەممىسىنى ئەكېلىپ تاۋارغا ئالماشتۇرۇپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىپ ئالماشتۇرىدىغان تاللا بازىرى ھېسابلىنىدۇ.

«تاللا بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 180 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 1000 خىلدىن ئارتۇق تاۋار بار، بۇ يەردە كېرەكسىز بۇيۇملار ئارقىلىق نەرسە سېتىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، سولياۋ بوتۇلكا، كېرەكسىز قەغەز يەشىك، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ئاشلىق، ياغ، كولا، تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، مال سېتىش باھاسى بازار باھاسىدىن %5 تۆۋەن.» شىنجاڭ جىكېشيا ھاسىلىي بايلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ تاللا بازار «ئالاقە تورى + مەھەللە ئىگىلىكى + ھاسىلىي بايلىق» بىر گەۋدىلەشكەن توردا ۋە تور سىرتىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تاللا بازار بولۇپ، «كېرەكسىز، كونا بۇيۇملارغا يەنە نومۇر جۇغلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئادەتتە بىر يۈەن بىر نومۇر، ئاھالىلەر جۇغلىغان نومۇرغا كۆپ سوممىلىق تاۋارلارنى ئالماشتۇرالايدۇ، يەنە نەق مەيداندا تەڭ قىممەتتىكى تاۋارلارنىمۇ ئالماشتۇرالايدۇ، مەسىلەن: 40 كىلوگىرام قەغەز يەشىككە بىر خالتا گۈرۈچ ئالماشتۇرالايدۇ».

بۇ تاللا بازار يەنە ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ۋە يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق سودا ساراي، تاللا بازار، خىزمەت بىناسى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەھەللە قاتارلىق جايلارنى كەسىپلەشكەن ھاسىلىي بايلىقنى ئۆيگە كېلىپ يىغىۋېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كورلا شەھىرى لىشياڭ كوچا باشقارمىسى دېلىن مەھەللىسىدىكى 1 - شۇجى شيۇڭ شياۋچىن مۇنداق دېدى: «ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرى بولغاچقا ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، بىنا كارىدورىغا كېرەكسىز بۇيۇملارنى دۆۋىلەپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئوت مۇداپىئە يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلدى.» ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرىنىڭ كۈندىلىك بۇيۇملار ماركېتىڭ شەكلى ئاممىنىڭ شەھەر ھاسىلىي بايلىقىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشتىكى مەنبەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، 2000غا يېقىن ئاھالە كېرەكسىز بۇيۇملارغا 2000دىن ئارتۇق تاۋار ئالماشتۇردى، يىغىۋېلىنغان ئەخلەت 20 توننىدىن ئاشتى.

«كېلەر يىلى، شىركىتىمىز كورلا شەھىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ چوڭ تىپتىكى مەھەللىلەرگە ھاسىلىي بايلىق ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەم بۇ ئەندىزىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەدرىجىي ئۆرنەك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاسىلىي بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ» دېدى ۋۇ جياڭتاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى