تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدا بۇ يىل ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 88.91كە يەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ئاينۇر): بۇ يىل، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تۈرلۈك، قاراتمىلىققا ئىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى % 88.91كە يەتكۈزدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىل يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سوممىسىنى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق 10 مىڭ يۈەندىن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.

  ياشلارنى پىراكتىكا قىلدۇرۇش پىلانى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى يولغا قويۇشمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول. بۇ يىل، شىنجاڭ پىراكتىكا قىلىش ئارزۇسى بار ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشسىز ياشلاردىن 5635نى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى پائالىيىتىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، شىنجاڭ يەنە بىر قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگە ئۆستۈردى، 10 مىڭ 323 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نامرات ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى