شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 18گىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 100 مىليارد 12 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يىللىق مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جۇڭمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 7-ئايدا، شىنجاڭ سانجى—ئەنخۇي گۇچۇەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 6 مىليون كىلوۋاتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۆۋەتتە يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇشنىڭلا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 43 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتتى.
بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارىتا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى نۇقتىلىق سورۇن ۋە خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ماشىنا ئادەم، سانائەت كونترول قىلىش، قوغداش سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىق جابدۇق ۋە سىستېمىلارنى ئىشلىتىپ، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ نۇرغۇن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى مەملىكەتتىكى 20 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)گە يەتكۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتتى.
2010-يىلى 11-ئايدا، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى تۇنجى يولنى ياساپ، شىنجاڭنىڭ يەككە توردا يۈرۈشۈش تارىخىغا خاتىمە بەردى. 2013-يىلى 6-ئايدا، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 2-يولىنى قۇرۇپ چىقتى. 2014-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ قومۇل-جېڭجوۋ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019-يىلى 9-ئايدا سانجى-گۇچۇەن 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىدىن تۆتى شەكىللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى كەڭ دائىرىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. (دۇ گاڭ)