تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ سان، سۈپىتى تەڭ ئۆستى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا

ئۆلچەم سۈپەتنى بەلگىلەيدۇ، قانداق ئۆلچەم بولسا شۇنداق سۈپەت بولىدۇ. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى ئۇللۇق، يېتەكچىلىك، ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي، قېلىپلاشقان ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، «13 - بەش يىل»لىق ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدە، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈزەش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىدىن 463 تۈرنى ئېلان قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنىڭ ئومۇمىي سانى 1712 تۈرگە يەتتى، كوللېكتىپ ئۆلچەمدىن 186 تۈر ئېلان قىلىندى، 3547 كارخانا ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمىدىن 14 مىڭ 25 تۈرنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، يەرلىك ئۆلچەم سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۆلچىمىنىڭ ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى سىجىل ئۆستى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، كوللېكتىپ ئۆلچەمنىڭ قانۇنىي ئورنى يېڭىدىن بېكىتىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى جانلىق، بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك ساھەلەرنىڭ ئۆلچەمگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جەمئىي 34 جەمئىيەت تەشكىلاتى پۈتۈن مەملىكەت سۇپىسىدا كوللېكتىپ ئۆلچەمدىن 186 تۈرنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بەزى كوللېكتىپ ئۆلچەم يەنە كارخانىلار تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك بازار ئىجازىتى بېجىرىش ۋە سودا راسچوتىغا ئىشلىتىلدى.

كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش تېخىمۇ قويۇقلاشتى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشكە كىرگۈزۈپ، ئۆلچەمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كورلا نەشپۈتى، تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى قاتارلىق ئالتە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قوغدىشىغا ئېرىشتى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خاسلىقى روشەن، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم داڭلىق يېزا ئىگىلىك سۈپەتلىك ماركىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمەتجان ئابلا.

ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون تېرىقچىلىق، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك ئۆلچەمدىن 1390 تۈرنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، سۈپەتلىك ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايون «100 شەھەر، 1000 كەسىپ، 10 مىڭ كارخانا ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە يېتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلاپ، كارخانا ئۆلچىمىدە «باشلامچى» بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، نۇرغۇن كارخانا ئۆلچەم تۈزگۈچى، كەسىپ باشلامچىسى بولۇشقا كۈچەپ، كەسىپتە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ساھەسىدە بىر تۈركۈم كارخانا ئۆلچىمى بويىچە «باشلامچى»لار بارلىققا كەلدى. شامال ئېلېكتىر، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلامچى كارخانىلار يەنە خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش پائالىيىتىگە پائال قاتناشتى.

«بۇ يىل، دۆلەت تەشەببۇس قىلغان پاكىز ئېنېرگىيە، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، چوڭ تىپتىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى 100دىن ئارتۇق تۈردە دۆلەت، كەسىپ ئۆلچىمىنى تەييارلىدى ياكى تۈزۈشكە قاتناشتى. ئۆلچەم تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش جەريانىدا، كارخانا كوللېكتىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە مەھسۇلات سۈپىتى، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ بازار ئېچىش، ئۇزاق مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ كابېل زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى ليەن خۇي.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىش تېخنىكا لايىھەسىدىن 50 تۈر ئېلان قىلىندى، 327 كارخانا ئۆلچەمگە توغرىلىنىش نەتىجىسىدىن 487 تۈرنى ئېلان قىلدى، 100 تۈردىن ئارتۇق ئۆلچەمگە توغرىلىنىش تېخنىكىسى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچىدىكى مەھسۇلاتلاردىن ئۈستۈن تۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 229 كارخانا ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە يېتىشكە قاتناشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 21 - ئورۇندا تۇردى.

ھەرقايسى ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئۆلچەملەشتۈرۈش سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز زورايدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى ھەم جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون ئاممىۋى بىخەتەرلىك، خەلق ئىشلىرى خىزمىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مەمۇرىي مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوندىن كۆپرەك ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تە ئۆيلىنىشنى تىزىملاش، مەھەللە، كۈتۈنۈش، دەپنە ئىشلىرى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بالىلار پاراۋانلىقى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۆت ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تە دۆلەت دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، يەتتە ۋىلايەت، ناھىيە دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالدىن يولغا قويىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش بويىچە تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئىسلاھاتىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» يۈرۈشلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش خىزمىتى ئالغا سىلجىتىلدى، «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> خىزمەت ئۆلچىمى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچەم ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «يېقىلغۇ گازلىق پار قازان ئارا تام شەكلىدىكى ئىس - تۈتەك قالدۇق ئىسسىقلىقىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش تېخنىكا ئۆلچىمى» قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ساھەسىدىكى يەرلىك ئۆلچەمدىن 16 تۈرنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، «يېقىلغۇ گازلىق پار قازانلاردىكى ئىس - تۈتەكنى قايتا ئايلاندۇرۇپ ئازوتنى تۆۋەنلىتىش تېخنىكا ئۆلچىمى» «سانائەت ماتېرىياللىرىنى دۆۋىلەش مەيدانلىرىدىكى چاڭ - توزانلارنى تۈزەش ئۆلچىمى» قاتارلىق يېشىل، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تىرەك بولدى.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش باش تېما قىلىندى، بىز يەرلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، نانچىلىق كەسپى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى مەمەتجان ئابلا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى