تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خىزمەتتىكى 8000 پارتىيە ئەزاسى مەھەللىگە «تىزىمغا ئالدۇردى»

كورلىدا:

خىزمەتتىكى 8000 پارتىيە ئەزاسى مەھەللىگە «تىزىمغا ئالدۇردى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بالام، سىز قاچان ئۆيگە كېلىپ تاماق يەيسىز؟ ھاۋا سوۋۇپ قالدى، سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ...» 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لى مېيلىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسى چىنشۈيۋەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى چيۇ شەنئېنىڭ قەلىبنى ئىللىتىدىغان تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ يىل، كورلا شەھىرى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش، قوش مۇلازىمەت قىلىش، قوش باھالاش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، نەنخۇ مەھەللىسىدىكى 294 نەپەر خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردى، لى مېيلىڭ دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، مەھەللە تازىلىقىدا قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى قالدۇرماسلىق... نەنخۇ مەھەللە پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شەھەر ئاساسىي قاتلىمىنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش»تەك شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

لى مېيلىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا چيۇ شەنئېنىڭ قارىغۇچىسى يوق ياشانغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چيۇ شەنئې ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى. سەي-كۆكتات سېتىۋېلىش، گۆش سېتىۋېلىش، گاز سېتىۋېلىش، توك سېتىۋېلىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، پاراڭلىشىش... چيۇ شەنئې تۇرمۇشتا يالغۇز قالمىدى.

«ھازىر مەھەللىگە بارسام، نۇرغۇن ئاھالە تەشەببۇسكار ھالدا مەن بىلەن سالاملىشىدۇ، باش قېتىنچىلىقلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. بىزنىڭ ئامما بىلەن كۆڭلىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى.» لى مېيلىڭنىڭ قارىشىچە، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش، قوش مۇلازىمەت قىلىش، قوش باھالاش» خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق نامايان قىلغان، پارتىيە ئەزالىرى كەمتەرلىك بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلغان، پارتىيە ئەزالىرىنى ھەقىقىي تۈردە مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرغان.

ھازىرغا قەدەر، كورلا شەھىرىدە جەمئىي خىزمەتتىكى 8048 پارتىيە ئەزاسى 91 مەھەللىدە «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش، قوش مۇلازىمەت قىلىش، قوش باھالاش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەس-بەستە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لېكسىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەھەللىلەردە ئاممىغا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلىدى؛ كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ھەرقايسى يېزا-بازار (مەيدان)، كوچا باشقارمىلىرىدا «سودىيەلەر ئىشخانىسى» قۇرۇپ، سودىيە، سودىيە ياردەمچىسى، پۈتۈكچىدىن تەشكىللەنگەن ئەترەت ھەر ھەپتىدە بىر كۈن سودىيە ئىشخانىسىغا كىرىپ، دەۋادىن بۇرۇنقى مۇرەسسە ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇننى چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇردى؛ قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى «چوڭ خىزمەت كومىتېتى» تەۋەلىكىدىكى كورلا شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، قۇرۇلۇش يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇندىكى 30دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كوچا، يېزىلارنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى ۋە تارماقلارنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى...

بۇ يىلدىن بۇيان، كورلا شەھىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش «قىزىق لىنىيە سۇپىسى»نى ئېچىپ، مەھەللىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كۈچىنى تولۇقلىدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، ساغلاملىق بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن 316 مەيدان قانات يايدۇردى.

ئىلتىماس-تەلەپنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولۇش، مەسىلىلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولۇش، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى «نۆل ئارىلىق»تا ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرگە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرغانلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمىتىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ياخشى مېڭىشقا پۇختا ئاساس سالدى. خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىلەرگە سىڭىپ كىرىپ، ھەم مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى بايلىقىنى جانلاندۇردى، ھەم ئىدارە پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق قۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، رايونلاشقان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى