تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت سەييارە سوتىدىن 74ى تەسىس قىلىندى

ئادەملەر ساياھەتتە قانۇن بويىچە قوغداش يېنىدا

ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت سەييارە سوتىدىن 74ى تەسىس قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گۇ شۆلى خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ساياھەت سەييارە سوتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنى ۋاقتىدا قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قولايلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت سەييارە سوتىدىن 74ى تەسىس قىلىندى.

ساياھەت جەريانىدا باشقىلار بىلەن ماجىرالىشىپ قالغاندا، ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدۇر. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت سەييارە سوتى «110» قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، سوتچى نۆۋەتچىلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارنىڭ ئالدىن ئارىغا چۈشۈپ، كۆپ قىسىم دېلولارنى دەۋادىن ئىلگىرى مۇرەسسە قىلدى. «دېلو يۈزبەرگەن ھامان بېجىرىش»تىن سوت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۇزارتىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بېرىشكىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ساياھەت سەييارە سوتىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتناشتى.

يېقىندا كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىغا «ھەقسىز ساياھەت قىلىش»نى تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئەمما ساياھەتچىلەر ساياھەتكە كەلگەندە يەنە ئارىلىق ئاپتوموبىل ھەققى ئېلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەق ئېلىشقا چېتىلغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مەھكىمە كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىغا ساياھەت شىركىتىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشىنى تۈزىتىش توغرىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بەردى. بۇ ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ساياھەت ماجىرالىرىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاسان مۇقىملاشتۇرغىلى بولماسلىق، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سەپىرى جىددىي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ساياھەت ماجىرالىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ سوت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق، ئىشتاتلىق سودىيەلەرنى ساياھەت ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، دېلولارنى سوت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتارلىقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بىرلەشمە يىغىن ئېچىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپ مەنبەلەشكەن ماجىرا ھەل قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ساندىكى 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى ساياھەت مۇلازىمەت مەركەزلىرى تەشۋىقات تاختىسى تەسىس قىلىپ، ئىككىلىك كودنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق «شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋىيشىن سوت مەھكىمىسى»نى تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، توردا دېلو تۇرغۇزۇش، شۇ كۈنى يوللاش، شۇ كۈنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. دېلو پاكىتى ئېنىق، قانۇن مۇناسىۋىتى روشەن، تالاش-تارتىش چوڭ بولمىغان ساياھەت ماجىراسى دېلولىرىغا قارىتا، دېلو بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپى ياكى ئاددىي تەرتىپنى تولۇق تەتبىقلاپ، تېز سوت قىلىپ تېز كېسىم چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەرھال ئادا قىلىپ، دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى