تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 170 مىليون توننا يۈك توشۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بۇ يىل 170 مىليون توننا يۈك توشۇلدى؛ مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 175 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئاشىدىكەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۆمۈريول تىرانسپورت مۇلازىمىتى كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۆمۈريولنىڭ يۈكنى كۆپ توشۇش، يېشىل تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» «تارقاق توشۇشنى مەركەزلىك توشۇشقا ئۆزگەرتىش» تىرانسپورتنى چوڭقۇر يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ موللاشتى، مۇلازىمەت سۈپىتى سىجىل ئۆستى.

«تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پائال يېڭىپ، تيەنيې گۇرۇھىغا خام ئەشيا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ بېرىپ، كارخانىنىڭ بۇ يىللىق نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى» دېدى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريولى 2021-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلار كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىغا قاتناشقاندا شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن جيەن.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 31 مەركەز كارخانىسى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ كارخانا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، 2021-يىللىق كېلىشىمدە توشۇش مىقدارى 143 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇ يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 مىليون توننا ئاشىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولى شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسى ۋە گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۆمۈريول توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇپ بېرىپ، كارخانىنىڭ توشۇش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى