تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئانار بۇلۇت»نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى، ئىشلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ، رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 2021-يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭ پارتىيە تاراتقۇسىنىڭ 1-تېرمىنالى − «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

«بىز تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىش ۋە جەمئىيەت دائىرىسىدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق <ئانار بۇلۇت> تېرمىنالىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كېڭەيتتۇق. مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ <ئانار بۇلۇت> تېرمىنالىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئىشلەتكۈچىسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى يۈەن بىڭ.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى)، 85 ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر تاراتقۇلىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ كۈچلۈك مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك كۈچىگە تايىنىپ، «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنىڭ مەزمۇن بايلىقى ئىنتايىن مول بولدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ۋېي بو مۇنداق قارىدى: «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالى بىرىنچى ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەرگە پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان ئىجادىي ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە يەرلىكنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ زور سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

«بىز كۈندە بىر قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئون كۈندە بىر قېتىم دوكلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، ئاساسلىق رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن چۈشۈرۈپ ئىشلەتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكلەشكە مەسئۇل بولۇپ، <ئانار بۇلۇت> تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى» دېدى ۋېي بو تونۇشتۇرۇپ.

«ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شىنجاڭ <ئانار بۇلۇت>نى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى ھەم خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى، ئىش بېجىرىش زالى قاتارلىق سورۇنلارغا چۈشۈرۈشنى چۈشەندۈرۈش سۈرەتلىرىنى چاپلىدى، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) ئىككى دەرىجىلىك نۆل ئارىلىق سۇپىلىرىدا «<ئانار بۇلۇت>نى قاچىلاش كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلىپ، دوۋيىن «ئانار بۇلۇت»نى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا سىنى ئىشلەپ، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

قومۇل شەھىرى «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن باشقا يەنە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، تۇغقانلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى زورايتىپ، «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى تارقىتىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇل شەھىرى «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنى مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشى، پارتىيە ياچېيكىسى ئۆگىنىشى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تېرمىنالنى ئېچىپ نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك قاپلاش، ئۈنۈملۈك ئوقۇش، ئۈنۈملۈك تارقىتىشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

«ئانار بۇلۇت» تېرمىنالى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى) پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان پارتىيە تاراتقۇسى ئۇچۇر سۇپىسى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىنچى ئېلان قىلىنىش سۇپىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم كىرىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، «ئانار بۇلۇت» يان تېلېفون تېرمىنالىنىڭ ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى