تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايون دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، 2021-يىلى چاغاندىن بۇرۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك مائاشنى بېرىش كاپالەت تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، پۇختا، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىنى نۆللەشتۈرۈش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، مائاشنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىش پەسىللىك مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مائاشنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «يېشىل يول» ئېچىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشقا چېتىلىدىغان تالاش - تارتىش دېلولىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان تۈرلۈك دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش؛ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن ئېلىپ، ئۆيىگە خاتىرجەم قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى