تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 450 مىليارد 58 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 2015 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە يىلىغا ئوتتۇرىچە يېڭىدىن 291 مىليارد 460 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %12.9 بولغان. بۇ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا زور مىقداردا ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سىياسىتى ئۈنۈمىنىڭ تەدرىجىي گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل سىياسىتى ۋاسىتىسى تۈزۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى يېشىل كەسىپلەرگە تەقسىملەشكە يېتەكلىدى. 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 546 ساپ يېشىل تۈر يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش يېشىل تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 288 مىليارد 587 مىليون يۈەن بولدى، قاپلىغان رايونلار قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ سىناق رايونىدىن 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە كېڭەيدى.

چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى سودىسىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، چېگرا سىرتىغا قەرز بېرىش، بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كەسىپلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ سودا سېلىنمىسىنى راسچوت قىلىشقا قولايلىق يارىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مۇھىتى ياخشىلاندى. پۇقراۋى ھەم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نەق پۇل راسچوتى قېلىپلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىلدى. يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، چەت ئەل نەق پۇلىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە تالونلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىكى تېخىمۇ قولاي ئەندىزە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۇقراۋى ھەم ئوتتۇرا، كىچىك ئېكسپورت كارخانىلىرىغا يۇقىرى ئۈنۈمدە مۇلازىمەت قىلىندى.

چەتكە چېتىشلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلاندى. 2015 - يىلىدىن 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ جەمئىي 840 مىليون دوللار، چەت ئەلگە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 812 مىليون دوللار بولدى، شىنجاڭنىڭ چېگرا سىرتىدا قەرز تارقىتىش كەسپى بولماسلىق ئەھۋالى بۇزۇپ تاشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى